ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسى: لىۋاننىڭ جەنۇبىدىن ئىسرائىلىيەنىڭ شىمالىدىكى رايونغا 26 راكىتامىيۇت قويۇپ بېرىلدى
ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسى 27-ئاپرېل كەچتە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئاز دېگەندىمۇ 26 راكىتامىيۇت شۇ كۈنى كەچتە لىۋاننىڭ جەنۇبىدىن ئىسرائىلىيەنىڭ شىمالىدىكى رايونغا قويۇپ بېرىلدى، ۋەقە يۈز بەرگەندە شۇ جايدىكى بىر قانچە مەھەللىدە ھاۋا مۇداپىئە سىگنالى چېلىندى. شۇ كۈنى ئەتىگەندە ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى ئىككى ھەربىي ئۇل ئەسلىھەگە ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا