رۇسىيە ئارمىيەسى چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىش مانېۋىرى ئۆتكۈزدى
رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 27-ئاپرېل مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: رۇسىيە تىنچ ئوكيان فىلوتى دېڭىز ساھىلى شۆبە فىلوتىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىق ئىككى پاراخوتى پېتىر ئىمپېراتور قولتۇقىدا قىياسى دۈشمەن نىشانلىرىغا چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىش مانېۋىرى ئۆتكۈزدى. پاراخوت قويۇپ بەرگەن ئىككى «كۇمۇتا» ناملىق پاراخوتقا قارشى چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبا 90 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى قىياسى نىشانغا تەگدى، مانېۋىر ۋەزىپىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاندى. پېتىر ئىمپېراتور قولتۇقى رۇسىيەنىڭ ياپون دېڭىزىغا يېقىن ئەڭ چوڭ دېڭىز قولتۇقى بولۇپ، رۇسىيە دېڭىز تەۋەلىكىدە.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا