ئۇكرائىنا ئارمىيەسى: ئامېرىكىدا ئىشلەنگەن «ئابرامىس» ناملىق تانكىنىڭ ئالدىنقى سەپتىن چېكىنگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەر ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس
ئۇكرائىنانىڭ 47-مۇستەقىل ماشىنىلاشقان لۈيى 27-ئاپرېل: ئامېرىكىدا ئىشلەنگەن «ئابرامىس» ناملىق تانكىنىڭ ئالدىنقى سەپتىن چېكىنگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەر ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس، دېدى. ئۇكرائىنا ئارمىيەسى ئۇكرائىنا پىيادە ئەسكەرلىرى بۇنداق كۈچلۈك ئوت كۈچى ياردىمىنى قولدىن بېرىپ قويمايدۇ، دەپ تەكىتلىدى، ئەمما ئۇكرائىنا قوراللىق قىسمىنىڭ تانكا يۆتكەش مەقسىتى، ئورنى ۋە تەپسىلاتىنى ئاشكارىلىمىدى.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا