دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى ئالاھىدە يىغىنى ئېچىلدى
دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى ئالاھىدە يىغىنى 28-ئاپرېل سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ پايتەختى رىيادتا ئېچىلدى، يىغىندا دۇنياۋى ھەمكارلىقى، ئىقتىسادنى ئاشۇرۇش ۋە ئېنېرگىيەگە نۇقتىلىق دىققەت قىلىندى. قانداق قىلغاندا خەلقئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئارقىلىق تېخىمۇ ئەۋرىشىم دۇنيا ئىقتىسادىنى بەرپا قىلغىلى بولىدۇ؟ دېگەن مەسىلە مۇزاكىرە قىلىندى. پەلەستىن زۇڭتۇڭى ئابباس ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلىپ، پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىنى خەلقئارا يىغىن قاتارلىقلار ئارقىلىق سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىپ، پەلەستىنگە ياردەم بېرىشنى مۇراجىئەت قىلدى.
تەرجىمان: مېھرىگۈل خۇدابەردى
سېلىشتۇرغۇچى: گۈزەلنۇر روزى