ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززە رايونىدا داۋاملىق ئۇرۇش قىلىش پىلانىنى تەستىقلىدى
ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسىنىڭ باش ئىشتاب باشلىقى 28-ئاپرېل جەنۇب قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ غەززە رايونىغا قاراتقان داۋاملىق ئۇرۇش قىلىش پىلانىنى تەستىقلىدى. خاماسنىڭ بىر ئەمەلدارى ئاشكارىلاپ مۇنداق دېدى: خاماس ۋەكىللەر ئۆمىكى شۇ يەر ۋاقتى 29-ئاپرېل مىسىرنىڭ پايتەختى قاھىرەگە بېرىپ غەززە رايونىدا ئۇرۇش توختىتىش سۆھبىتىگە قاتنىشىپ، ياراشتۇرغۇچى دۆلەت بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىغا قويغان ئۇرۇش توختىتىش لايىھەسىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ. ئىسرائىلىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى كاتس مۇنداق دېدى: ئەگەر ئىككى تەرەپ تۇتۇپ قىلىنغانلارنى ئالماشتۇرۇش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلسا ئىسرائىلىيە غەززە رايونىنىڭ جەنۇبىدىكى رافا شەھىرىگە قارىتىلغان يەر يۈزى ھەرىكىتىنى ۋاقتىنچە كېچىكتۈرىدۇ. پەلەستىن زۇڭتۇڭى ئابباس 28-ئاپرېل ئەگەر ئىسرائىلىيە رافاغا ھۇجۇم قىلسا پەلەستىن تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ ئاپەت يۈز بېرىدۇ، دېدى. ئۇ ئامېرىكىنىڭ ئىسرائىلىيەدىن ھۇجۇمنى توختىتىشنى تەلەپ قىلىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.
تەرجىمان: مېھرىگۈل خۇدابەردى
سېلىشتۇرغۇچى: گۈزەلنۇر روزى