رۇسىيە ئارمىيەسى: ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ ھۇجۇمچى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئىسكىلاتىنى ۋەيران قىلدۇق
رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىسترلىقى 28-ئاپرېل رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ دنېپروپېتروۋىسكى ئوبلاستىدا ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ نەچچە ھۇجۇمچى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئىسكىلاتىنى، چېرنىگوۋ ئوبلاستىدا نەچچە ئاۋىياتسىيە ئوق-دورا ئىسكىلاتى ۋە ئاۋىياتسىيە جابدۇقلىرى ئىسكىلاتىنى ۋەيران قىلغانلىقىنى، رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ يەنە دونېسىكتا «يېڭى باخمۇتوفكا» ئولتۇراق نۇقتىسىنى كونترول قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئۇكرائىنا تەرەپ شۇ كۈنى ئۆتكەن 24 سائەتتە رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ كۆپ تەرەپتىن قىلغان ھۇجۇمىنى چېكىندۈردۇق، ئۇكرائىنانىڭ رازۋېدكا خادىملىرى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن رۇسىيەنىڭ ئەڭ يېڭى «قېرىقىز» رادار پونكىتىنى ۋەيران قىلدى، دېدى.
تەرجىمان: مېھرىگۈل خۇدابەردى
سېلىشتۇرغۇچى: گۈزەلنۇر روزى