ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

«جۇڭگو فىلىم پەسلى» ۋېنگىرىيە كۆرگەزمە پائالىيىتى باشلاندى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-04-30 09:55

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋېنگىرىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئالدىدا، جۇڭگو مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى بىلەن ۋېنگىرىيە ATV تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن «جۇڭگو فىلىم پەسلى» ۋېنگىرىيە كۆرگەزمە پائالىيىتى شۇ جاي ۋاقتى 29-ئاپرېل بۇداپېشتتا باشلاندى. باش ئىستانسا ئىجاد قىلغان ئون نەچچە نادىر فىلىم ۋېنگىرىيەدىكى يەرلىك تاراتقۇلاردا قويۇلۇپ، ۋېنگىرىيەلىك تاماشىبىنلارغا يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونىڭ ھاياتىي كۈچى نامايان قىلىنىپ، جۇڭگو-ۋېنگىرىيە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستلۇق ئالاقىسىدىكى جانلىق ھېكايىلەر بايان قىلىنىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشتەك گۈزەل ئارزۇسى ئىپادىلىنىدۇ.

  مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ باشلىقى شېن خەيشيۇڭ، ۋېنگىرىيەنىڭ سابىق زۇڭلىسى پېتىر، جۇڭگونىڭ ۋېنگىرىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى گۇڭ تاۋ، ۋېنگىرىيە ATV تاراتقۇ گۇرۇھىنىڭ لىدىرى تاۋماش ۋىدېيولۇق سۆز قىلدى.

  «جۇڭگو فىلىم پەسلى» ۋېنگىرىيە كۆرگەزمە پائالىيىتى 5-ئاينىڭ باشلىرىغىچە داۋاملىشىدۇ، باش تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئىجاد قىلغان «گۈزەل سەنئەت ئىچىدىكى جۇڭگو»، «ئېگىزلىكتىكى سېرىق تۇپراق»، «بىر بەلباغ، بىر يولدىكى ۋېنگىرىيە ئەلچىسى» قاتارلىق نادىر فىلىملەر ۋېنگىرىيە تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ۋە يېڭى تاراتقۇ سۇپىسىدا كۆرسىتىلىدۇ.

  ۋېنگرىيە پېس ئاخبارات تورى، ۋېنگىرىيە پېس مەركىزىي تورى، ۋېنگىرىيە شەرق تۇرمۇش تورى، بۇداپېشت مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى قاتارلىق ۋېنگىرىيەدىكى نۇرغۇن تاراتقۇلار كۆرگەزمە پائالىيىتىنى خەۋەر قىلدى.

  تەرجىمان: پاتىگۈل مەمەت

  سېلىشتۇرغۇچى: ئىمىنجان ئىسمايىل

中央广播电视总台 央广网 版权所有

«جۇڭگو فىلىم پەسلى» ۋېنگىرىيە كۆرگەزمە پائالىيىتى باشلاندى

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋېنگىرىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئالدىدا، جۇڭگو مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى بىلەن ۋېنگىرىيە ATV تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن