ئىسرائىلىيە مىسىرغا ئۇرۇش توختىتىش سۆھبىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن ئۆمەك ئەۋەتىدۇ، خاماس بايانات ئېلان قىلىپ غەززەدە مەڭگۈلۈك ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىم ھاسىل قىلىشنىڭ ئاساسى دېدى
ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمەلدارى 29-ئاپرېل، ئىسرائىلىيەنىڭ 30-ئاپرېل مىسىرغا ئۇرۇش توختىتىش سۆھبىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن ئۆمەك ئەۋەتىدىغانلىقىنى دەلىللىدى. بۇ ئەمەلدار: ئىسرائىلىيەنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى ئاخبارات تارماقلىرىنىڭ ئەمەلدارلىرىدىن تەشكىللىنىدۇ، دېدى، بىراق ئۇ سۆھبەتكە ئالاقىدار تەپسىلاتلارنى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇرۇش توختىتىش شەرتىنى ئاشكارىلاشنى رەت قىلدى.
پەلەستىن ئىسلام قارشىلىق ھەرىكىتى (خاماس) 29-ئاپرېل بايانات ئېلان قىلىپ، ئەگەر غەززە رايونىدا مەڭگۈلۈك ئۇرۇش توختىتىش، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ چېكىنىشى ھەمدە بارلىق رايونلاردىكى مۇساپىرلارنىڭ ماكانىغا قايتىشى ھەققىدە كېلىشىم ھاسىل قىلىنمىسا،ھەرقانداق كېلىشىمنىڭ نەتىجىلىك بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مىسىرنىڭ خەۋپسىزلىك تارمىقىدىكى خەۋەردار ئەرباب 29-ئاپرېل كېچىدە سىرتقا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش سۆھبىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن خاماس ۋەكىللەر ئۆمىكى قاھىرەدىن ئايرىلدى ھەمدە ئىچكى قىسىمدىكى مۇزاكىرىنى تاماملىغاندىن كېيىن خاماس تەرەپنىڭ ئەڭ يېڭى ئۇرۇش توختىتىش لايىھەسىگە بەرگەن يازما جاۋابىنى ئېلىپ يەنە بىر قېتىم قاھىرەگە قايتىپ كېلىدۇ.
تەرجىمان: ئىلدوس ياسىن
سېلىشتۇرغۇچى: پاتىگۈل مەمەت