ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئامېرىكا رۇسىيەدىكى قىسمەن بانكىلار بىلەن ئېنېرگىيە ساھەسىدە سودىغا ئالاقىدار راسچوت قىلىشقا رۇخسەت قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-04-30 10:20

  شۇ جاي ۋاقتى 29-ئاپرېل، رۇسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ خەۋىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2024-يىلى 1-نويابىردىن بۇرۇن، رۇسىيەدىكى قىسمەن بانكىلار بىلەن ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى سودىغا ئالاقىدار راسچوت قىلىشقا رۇخسەت قىلغان.

  سودا راسچوتى قىلىشقا رۇخسەت قىلىنغان رۇسىيە بانكىلىرى رۇسىيە تاشقى سودا بانكىسى، رۇسىيە ئامانەت بانكىسى، ئالفا بانكىسى ۋە سانكىت پېتىربورگ بانكىسى قاتارلىق چوڭ بانكىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئالاقىدار راسچوتنى رۇسىيە مەركىزى بانكىسى بىلەن قىلىشقىمۇ بولىدۇ. بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان مەمۇرىي بۇيرۇققا ئاساسەن، يۇقىرىقى مەشغۇلاتلار جازالاش دائىرىسىگە تەۋە بولغاچقا چەكلەنگەن ئىدى.

  تەرجىمان: ئىلدوس ياسىن

  سېلىشتۇرغۇچى: پاتىگۈل مەمەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有