كېنىيەدىكى بىر توسمىنى يار ئېلىپ كېتىپ 71 گە يېقىن كىشى قازا قىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار| يوللانغان ۋاقىت: 2024-04-30 10:20
كېنىيە نايروبىنىڭ شىمالىدىكى بىر توسمىنى 29-ئاپرېل يار ئېلىپ كەتتى. شۇ جايدىكى ئەمەلدارلارنىڭ ئېيتىشىچە: ھادىسىدە 71 گە يېقىن كىشى قازا قىلغان. 3-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ، قاتتىق يامغۇر كېنىيەنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا كەلكۈن ئاپىتى پەيدا قىلغان، كېنىيە ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى 29-ئاپرېل مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېقىندا بۇ دۆلەتتە كەلكۈندە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 169 غا يەتتى.
تەرجىمان: ئىلدوس ياسىن
سېلىشتۇرغۇچى: پاتىگۈل مەمەت