ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئۇكرائىنا تاراتقۇلىرى ئۇكرائىنا ئارمىيەسى قىرىمغا كەڭ كۆلەملىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمى قوزغىدى دېدى، رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى قىرىم ھاۋا بوشلۇقىدا ئېتىپ چۈشۈرۈلدى دېدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-05-01 09:07

  ئۇكرائىنا تاراتقۇلىرىنىڭ 30-ئاپرېل خەۋەر قىلىشىچە، شۇ كۈنى سەھەردە، ئۇكرائىنا ئارمىيەسى ئامېرىكا تەمىنلىگەن قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ تاكتىكىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى بىلەن قىرىمغا كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىغان.

  ئۇكرائىنا «قىزىق نۇقتا» ھەپتىلىك ژۇرنىلى تور بېكىتىنىڭ زاپوروژې رايونىدىكى تاراتقۇ خادىمى روگوفنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسىدا ئېلان قىلغان يازمىسىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، قىرىم ھاۋا مۇداپىئە سىگنالى بەرگەن، رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى قىرىمنىڭ مەركىزى سىمفىروپول ۋە قىرىمنىڭ شىمالىدىكى شەھەر جەنكوئى ھاۋا بوشلۇقىدا ئىشلىتىلگەن. قىرىم چوڭ كۆۋرۈكى قىسقا ۋاقىت تاقالغان.

  تاسىس ئاگېنتلىقى 30-ئاپرېل قىرىم رايونىنىڭ باش مەمۇرى ئاكشونوفنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ ئۇكرائىناغا ياردەم قىلغان قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ تاكتىكىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى قىرىم ھاۋا بوشلۇقىدا ئېتىپ چۈشۈرۈلگەندىن كېيىن، سىمفېروپولدا پارتلىمىغان ئوق-دورىلار بايقالدى. ئاكشونوف ئىجتىمائىي تاراتقۇدا يازما ئېلان قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ پارتلىمىغان ئوق-دورىلارغا يېقىنلاشماسلىقىنى ئەسكەرتتى.

  تەرجىمان: گۈلبەھرەم مۇختار

  سېلىشتۇرغۇچى: ئىمىنجان ئىسمايىل

中央广播电视总台 央广网 版权所有