ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

مىسىر بىلەن قاتار غەززە توقۇنۇشىغا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ئىسرائىلىيە بىلەن خاماسنى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىشقا دەۋەت قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-05-01 09:07

  مىسىر زۇڭتۇڭى سىسى 30-ئاپرېل قاتار ئەمرى (دۆلەت باشلىقى) تامىم بىلەن تېلېفونلاشتى، ئىككى تەرەپ غەززە رايونىدىكى توقۇنۇشقا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
  مىسىر زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى سۆزلىشىشتە غەززە رايونىدا ئۇرۇش توختىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيە تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىش ھەمدە يېتەرلىك مىقداردىكى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ماددىي ئەشيالىرىنىڭ غەززە رايونىغا كىرىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى ۋە ئەڭ يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى مۇزاكىرە قىلدى.
  باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: ئىككى تەرەپ داۋاملىق تىرىشىپ ھەمدە ھەر قايسى تەرەپلەر بىلەن ئۇچرىشىپ توقۇنۇشقا خاتىمە بېرىپ، رايوننى توقۇنۇشنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراشتىن قوغداپ، رايون بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ.
  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى گۇتېررېس 30-ئاپرېل مۇخبىرلار بىلەن يۈز كۆرۈشۈش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىن ئىسلام قارشىلىق ھەرىكىتى (خاماس)نى ئىنسانپەرۋەرلىك يۈزىسىدىن ئۇرۇش توختىتىش قاتارلىقلار توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلىشقا دەۋەت قىلدى.

  گۇتېررېس يەنە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ «ئىككى دۆلەت لايىھەسى»نى قوللايدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى.

  تەرجىمان: گۈلبەھرەم مۇختار 

سېلىشتۇرغۇچى: ئىمىنجان ئىسمايىل

中央广播电视总台 央广网 版权所有