ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

«شى جىنپىڭنىڭ <بىر بەلباغ بىر يول> ھەققىدە ئېيتقانلىرى» ناملىق كىتابنىڭ ئەرەبچە نۇسخىسىنى تونۇشتۇرۇش يىغىنى ئەبۇزەبىدە ئۆتكۈزۈلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-05-01 09:15

  «شى جىنپىڭنىڭ <بىر بەلباغ بىر يول> ھەققىدە ئېيتقانلىرى» ناملىق كىتابنىڭ ئەرەبچە نۇسخىسىنى تونۇشتۇرۇش يىغىنى 29-ئاپرېل ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ پايتەختى ئەبۇزەبىدە ئۆتكۈزۈلدى، جۇڭگو-ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ھەر ساھە ۋەكىللىرىدىن 100دىن ئارتۇق كىشى يىغىنغا قاتناشتى.

  ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئەبۇزەبى ئەرەب تىلى مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئەلى بىن تامىم سۆزىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «بىر بەلباغ بىر يول» 21-ئەسىردىكى ئەڭ ئۇلۇغ تەشەببۇسلارنىڭ بىرى، كەڭ قورساقلىق بىلەن تەڭ پايدا ئېلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قىممەت قارىشى رامكىسى ئاستىدا، «شى جىنپىڭنىڭ <بىر بەلباغ بىر يول> ھەققىدە ئېيتقانلىرى» ناملىق كىتاب ھازىرقى يىپەك يولىدىكى بىر ماياكقا ئوخشايدۇ، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىكلەر سۆزلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەرەب-جۇڭگو خەلقىنىڭ ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرىدۇ. ئۇنىڭغا ئىنسانلارنىڭ بىلىم ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش خەزىنىسى يوشۇرۇنغان بولۇپ، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى دوستلۇق ۋە گۈللىنىشكە ئۈزلۈكسىز ياردەم بېرىدۇ.

  ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى يۈزلىنىش تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى مۇھەممەد ئەلى سۆزىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئەڭ مۇھىم دۇنياۋى تەشەببۇسلارنىڭ بىرى. «شى جىنپىڭنىڭ <بىر بەلباغ بىر يول> ھەققىدە ئېيتقانلىرى» ناملىق كىتاب يۈكسەك نەزەرىيەۋىلىك ۋە ئەمەلىيەتچانلىققا ئىگە. ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى دۇنيا سودىسىنى تۇتاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم ھالقىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، «بىر بەلباغ بىر يول» كېسىشىش نۇقتىسىغا جايلاشقان، «بىر بەلباغ بىر يول» نى تەڭ قۇرۇش جەھەتتە ئىزچىل مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇۋاتىدۇ.

  جۇڭگو چەت ئەل تىل-يېزىقى نەشرىياتچىلىق-تارقىتىش ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى دۇ جەنيۈەن سۆزىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «شى جىنپىڭنىڭ <بىر بەلباغ بىر يول> ھەققىدە ئېيتقانلىرى»ناملىق كىتابنىڭ ئەرەبچە نۇسخىسىغا رەئىس شى جىنپىڭنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم يازمىلىرى كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ مۇھىم، زور تەشەببۇسنىڭ تەرەققىيات تومۇرى، مول مەزمۇنى ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش يولى جانلىق، تەپسىلىي خاتىرىلەنگەن، ئەرەب ئوقۇرمەنلىرىنىڭ «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسىنى چۈشىنىشى ۋە بىلىشىنى نوپۇزلۇق ئوقۇشلۇق بىلەن تەمىنلىدى.

  تونۇشتۇرۇش يىغىنىنى جۇڭگو چەت ئەل تىل-يېزىقى نەشرىياتچىلىق-تارقىتىش ئىشلىرى ئىدارىسى، جۇڭگونىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى ئۇيۇشتۇرغان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئەبۇزەبى ئەرەب تىلى مەركىزى ھەمكارلاشقان.

  تەرجىمان: ئەنۋەر ئەركىن

  سېلىشتۇرغۇچى: پاتىگۈل مەمەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

«شى جىنپىڭنىڭ <بىر بەلباغ بىر يول> ھەققىدە ئېيتقانلىرى» ناملىق كىتابنىڭ ئەرەبچە نۇسخىسىنى تونۇشتۇرۇش يىغىنى ئەبۇزەبىدە ئۆتكۈزۈلدى

«شى جىنپىڭنىڭ <بىر بەلباغ بىر يول> ھەققىدە ئېيتقانلىرى» ناملىق كىتابنىڭ ئەرەبچە نۇسخىسىنى تونۇشتۇرۇش يىغىنى 29-ئاپرېل ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ پايتەختى ئەبۇزەبىدە ئۆتكۈزۈلدى، جۇڭگو-ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ھەر ساھە ۋەكىللىرىدىن 100دىن ئارتۇق كىشى يىغىنغا قاتناشتى.