ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

فىرانسىيە، سېربىيە، ۋېنگىرىيەلىك زاتلار رەئىس شى جىنپىڭنىڭ زىيارەتكە كېلىشىنى ھاياجان ئىلىكىدە كۈتمەكتە

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-05-01 09:15

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ پات ئارىدا فىرانسىيە، سېربىيە، ۋېنگىرىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ. شۇ جايدىكى زاتلار رەئىس شى جىنپىڭنىڭ زىيارەتكە كېلىشىنى ھاياجان ئىلىكىدە كۈتمەكتە. ئۇلار: بۇ قېتىمقى زىيارەت جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ سىجىل، مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، داۋالغۇپ تۇرغان دۇنياغا تېخىمۇ كۆپ مۇقىملىق ۋە ئېنىقلىق ئاتا قىلىپ، دۇنيا تەرەققىياتىنى تېخىمۇ كۆپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بىلەن تەمىنلەيدۇ، دەپ قارىدى.

  فىرانسىيەدىكى ھەر ساھە زاتلار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىل دەل فىرانسىيە-جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقى، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، زىيارەتنىڭ فىرانسىيە-جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  سېربىيەلىك زاتلار مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى ئىككى دۆلەت دوستلۇقىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچىدۇ.

  ۋېنگىرىيەلىك زاتلار مۇنداق دېدى: ۋېنگىرىيە-جۇڭگو ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىغا 75 يىل بولغان پەيتتە، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ زىيارىتىنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى يېڭى باسقۇچقا كۆتۈرۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.

  تەرجىمان: ئەنۋەر ئەركىن

  سېلىشتۇرغۇچى: پاتىگۈل مەمەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

فىرانسىيە، سېربىيە، ۋېنگىرىيەلىك زاتلار رەئىس شى جىنپىڭنىڭ زىيارەتكە كېلىشىنى ھاياجان ئىلىكىدە كۈتمەكتە

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ پات ئارىدا فىرانسىيە، سېربىيە، ۋېنگىرىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.