تۈركىيە 12 ئۆلكىدە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇردى
تۈركىيەنىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى 1-ماي مۇنۇلارنى جاكارلىدى: تۈركىيە ساقچىلىرى يېقىندا ئىستانبۇل، كىلىس، گازىيەنتەپ قاتارلىق 12 ئۆلكىدە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئەسەبىي تەشكىلات بىلەن ئالاقىسى بار 41 ئادەمنى قولغا ئالدى، نۇرغۇن قانۇنسىز قورال-ياراغ، رەقەملىك ماتېرىيال قاتارلىقلارنى قولغا چۈشۈردى ھەمدە نۇرغۇن نەق پۇلنى مۇسادىرە قىلدى.
تەرجىمان: مېھرىگۈل خۇدابەردى
سېلىشتۇرغۇچى: گۈزەلنۇر روزى