كېنىيە كەلكۈن سەۋەبىدىن قاپسىلىپ قالغان ساياھەتچىلەر ۋە خىزمەتچىلەرنى قۇتقۇزۇشقا ئادەم ئەۋەتتى
كېنىيەنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى ناروك ۋىلايىتىنىڭ باشلىقى 1-ماي ۋىلايىتىمىز كەلكۈن سەۋەبىدىن ماسايمارا دۆلەتلىك قوغداش رايونىدا قاپسىلىپ قالغان ساياھەتچىلەر ۋە خىزمەتچىلەرنى قۇتقۇزۇشقا ئادەم ئەۋەتتى، دېدى. كېنىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، 3-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن بۇيان ياققان قاتتىق يامغۇر سەۋەبىدىن پەيدا بولغان كەلكۈن ئاپىتىدە پۈتۈن مەملىكەتتە 179 ئادەم قازا قىلغان، 190 مىڭغا يېقىن ئادەم يۇرت ماكانىدىن ئايرىلىپ قالغان.
تەرجىمان: مېھرىگۈل خۇدابەردى
سېلىشتۇرغۇچى: گۈزەلنۇر روزى