ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى پەلەستىن قوراللىق تەشكىلاتىنىڭ كۆپلىگەن ھەربىي نىشانلىرىغا زەربە بەردۇق دېدى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنى پەلەستىن-ئىسرائىلىيە مەسىلىسى توغرىسىدىكى جىددىي ئالاھىدە يىغىننى قايتا باشلايدۇ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-05-02 09:11

  ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسى 1-ماي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىسرائىلىيە كۈرەشچى ئايروپىلان چىقىرىپ، غەززە رايونىدىكى پەلەستىن ئىسلام قارشىلىق ھەرىكىتى (خاماس) ۋە پەلەستىن شېنجەن تەشكىلاتىنىڭ كۆپلىگەن ھەربىي نىشانلىرىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى، بۇ قورال ئامبىرى، ھەربىي قۇرۇلۇش، راكېتا بومبا ۋە مىناميوت قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  غەززە رايونىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى پەلەستىن قوراللىق كۈچلىرىنىڭ نۇرغۇن ئادىمىنى ئېتىپ ئۆلتۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى بىر ئىمارەتنى ئاختۇرۇش جەريانىدا نۇرغۇن قورال-ياراغ، ھۆججەت-ماتېرىيال ۋە ھەربىي ئەسلىھەلەرنى بايقىدى.
پەلەستىن ئىسلام قارشىلىق ھەرىكىتى (خاماس) تاراتقۇ ئىشخانىسى 1-ماي بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: غەززەدىكى ئىشسىزلىق نىسبىتى %75 كە يەتتى، بۇ نۆۋەتلىك پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى يۈز بەرگەندىن كېيىنكى ئالدىنقى ئۈچ ئاي ئىچىدە، 200 مىڭدىن ئارتۇق غەززەلىك خىزمىتىدىن ئايرىلىپ قالدى. بۇ باياناتنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، غەززەدىكى نامراتلىق نىسبىتى %90 تىن ئاشقان، غەززەدىكى %95 ئىقتىسادىي تەشكىلات تىجارىتىنى توختاتقان.

  خاماس شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بايانات ئېلان قىلىپ، غەززەنىڭ ئوتتۇرا قىسمى ۋە جەنۇبىدىكى ئاشلىق كىرىزىسىنى پەسەيتىش، ھەمدە غەززەنىڭ شىمالىدىكى ئاچارچىلىقنى تۈگىتىش ئۈچۈن، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە تۇتىشىدىغان بارلىق ئېغىزلارنى مەڭگۈلۈك ئېچىۋېتىشنى، ھەركۈنى مىڭ ئاپتوموبىلنىڭ غەززەگە كىرىشىگە ياردەم بېرىشىنى مۇراجىئەت قىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسىنىڭ ئېلان قىلىشىچە، تېخىمۇ كۆپ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىنىڭ غەززە رايونىغا كىرىشىگە يول قويۇش ئۈچۈن، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى 1-ماي ئېرېز چېگرا ئېغىزىنى قايتىدىن ئېچىۋەتكەن.

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىنىڭ باياناتچىسى 1-ماي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنى 10-ماي 10-نۆۋەتلىك جىددىي ئالاھىدە يىغىن ئېچىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، پەلەستىن ئىسرائىلىيە مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ.

  بۇ قېتىمقى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىنى جىددىي ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى شۇكى، ئامېرىكا بۇنىڭدىن ئىلگىرى پەلەستىننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا رەسمىي ئەزا دۆلەت بولۇشنى ئىلتىماس قىلىش توغرىسىدىكى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارار لايىھەسىنى رەت قىلغان. پەلەستىننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق كۆزەتكۈچىسى مەنسۇر 1-ماي بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىدا ئامېرىكىنىڭ ئىنكار قىلىش ھوقۇقىنى ئىشلەتكەنلىكى توغرىسىدىكى مۇنازىرە يىغىنىدا سۆز قىلغاندا، جىددىي بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىدا پەلەستىن دۆلىتىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ رەسمىي ئەزا دۆلىتى بولۇشىنى ئېنىق قوللاش ھەمدە خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىن بۇ مەسىلىنى قايتىدىن قاراپ چىقىشنى تەلەپ قىلىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  ئۇنىڭدىن باشقا كولومبىيە زۇڭتۇڭى پىتېرو شۇ يەر ۋاقتى 1-ماي نۇتۇق سۆزلەپ، 2-ماي ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزۈپ، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىدىكى ئىرقىي يوقىتىش قىلمىشىغا ئېتىراز بىلدۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  تەرجىمان: گۈلبەھرەم مۇختار

  سېلىشتۇرغۇچى: گۈزەلنۇر روزى

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى پەلەستىن قوراللىق تەشكىلاتىنىڭ كۆپلىگەن ھەربىي نىشانلىرىغا زەربە بەردۇق دېدى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنى پەلەستىن-ئىسرائىلىيە مەسىلىسى توغرىسىدىكى جىددىي ئالاھىدە يىغىننى قايتا باشلايدۇ

ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسى 1-ماي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىسرائىلىيە كۈرەشچى ئايروپىلان چىقىرىپ، غەززە رايونىدىكى پەلەستىن ئىسلام قارشىلىق ھەرىكىتى (خاماس) ۋە پەلەستىن شېنجەن تەشكىلاتىنىڭ كۆپلىگەن ھەربىي نىشانلىرىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى،