ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

فىرانسىيە، سېربىيە، ۋېنگىرىيەنىڭ ھەر ساھە ئەربابلىرى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ زىيارىتى دوستلۇقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدۇ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-05-07 09:01

فىرانسىيە، سېربىيە، ۋېنگىرىيەنىڭ ھەر ساھەدىكى ئەربابلىرى رەئىس شى جىنپىڭنىڭ زىيارىتىنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، دوستلۇقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئالماشتۇرۇشى ۋە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

فىرانسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى ۋە خەلقئارا ھەمكارلىق ئىشلىرى باشلىقى، زۇڭتۇڭنىڭ ئالاھىدە مەسلىھەتچىسى روگېر سېباگ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇقى ۋە ھەمكارلىقى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈشتە فىرانسىيەدە زىيارەتتە بولدى، بىز رەئىس شى جىنپىڭنىڭ كەلگەنلىكىنى قارشى ئالىمىز، بىز ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمىز.
فىرانسىيە خەلق پارلامېنتى فىرانسىيە-جۇڭگو دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ رەئىسى ئالوزې مۇنۇلارنى بىلدۈردى: فىرانسىيە-جۇڭگو دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە بولۇپ، ئىنتايىن مۇھىم. رەئىس شى جىنپىڭ يەنە بىر قېتىم ياۋروپادا زىيارەتتە بولدى، فىرانسىيەنىڭ زىيارەتتىكى بىرىنجى بېكەت بولۇشى تاسادىپىيلىق ئەمەس، جۇڭگو بىلەن فىرانسىيە ھەمدە باشقا ياۋروپا دۆلەتلىرى كۆپ تەرەپچىلىكنى قوغداش جەھەتتە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرماقتا.

فىرانسىيە مونتارگىس شەھىرىنىڭ باشلىقى دىرون مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ فىرانسىيەگە كەلگەنلىكىدىن ئىنتايىن خۇشال بولدۇق، بۇ فىرانسىيە، ياۋروپا، پۈتۈن دۇنيانىڭ تىنچلىقى ئۈچۈن مۇھىم پەيت، مەنمۇ ئىككى دۆلەت شەھەرلىرى ئارىسىدىكى، خەلقى ئارىسىدىكى دوستلۇقنى ئىنتايىن قوللايمەن.

فىرانسىيەنىڭ پارىژدىكى خەلق ئاممىسى مۇنۇلارنى بىلدۇردى: بىز جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسىنىڭ بۇ يەرگە كەلگەنلىكىدىن ناھايىتى خۇشال بولدۇق، ھازىر ياۋروپا ۋە ئامېرىكا كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى بىلەن، بولۇپمۇ جۇڭگو بىلەن كېڭىشىشكە، ھەمكارلىشىشقا موھتاج، ئىقتىساد دۇنياۋىلىشىۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈشتە، بىز ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇشىمىز، ئۆزئارا ھەمكارلىشىشىمىز كېرەك. بۇ ئىنتايىن مۇھىم زىيارەت، چۈنكى جۇڭگو ئىقتىسادىي تەرەققىيات، مۇھىت ئاسراش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قاتارلىق ساھەلەردە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرماقتا، بىز رەئىس شى جىنپىڭنىڭ كەلگەنلىكىنى ئىنتايىن قارشى ئالىمىز.

سېربىيەلىك ئەربابلار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سېربىيە بىلەن جۇڭگونىڭ دوستلۇقىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىپ، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىدا تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

سېربىيە ئىچكى-تاشقى سودا مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى مومىروۋىچ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سېربىيەنىڭ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ زىيارەتكە كېلىشىنى يەنە بىر قېتىم كۈتۈۋېلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىدىن ئىنتايىن شەرەپ ھېس قىلىمىز. ئىشىنىمەنكى، بىزنىڭ جانجىگەر دوستىمىز جۇڭگو ۋە ئۇلۇغ دوستىمىز رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن بىرلىكتە، بىز چوقۇم يۇقىرى پەن-تېخنىكا، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق ساھەلەردە تېخىمۇ كۆپ يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىمىز، سېربىيە بىلەن جۇڭگونىڭ دوستلۇقى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىدۇ.

سېربىيە بېتا ئاگېنتلىقىنىڭ باشلىقى دىكلىچ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ بىر قېتىملىق ئىنتايىن مۇھىم زىيارەت، جۇڭگو بىلەن سېربىيەنىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىقى ئۈزلۈكسىز كۈچىيىۋاتىدۇ، مەن بۇ قېتىمقى زىيارەتنىڭ مول نەتىجىلەرگە ئېرىشىپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىققا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشۇشىنى كۈتمەكتىمەن.

ۋېنگىرىيەلىك ئەربابلار مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنى يېڭى پەللىگە يۈكسەلدۈرىدۇ.

ۋېنگىرىيە-جۇڭگو ئىقتىساد سودا جەمىيىتىنىڭ رەئىسى پېتىر ئەرنو مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى زىيارەت ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، ياخشى، مۇقىم سىياسىي مۇناسىۋەت ھەمدە ئىككى دۆلەت خەلقى ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇق رىشتىسى ئىككى دۆلەتكە يېڭى تەرەققىيات پۇرسىتى ئېلىپ كېلىدۇ.

ۋېنگىرىيە تاراتقۇسىATV گۇرۇھىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى كوۋاچ مۇنداق دېدى: بىز رەئىس شى جىنپىڭنىڭ كېلىشىنى ئىنتايىن قارشى ئالىمىز، بىز ئىزچىل مۇشۇ پەيتنى كۈتۈۋاتىمىز، بىر بەلباغ، بىر يولنى تەڭ قۇرۇش تەشەببۇسى ئاستىدا، ۋېنگىرىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ھەمكارلىقى ناھايىتى قويۇقلاشتى، مەن بۇ قېتىمقى مۇھىم زىيارەتنىڭ ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى

سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

فىرانسىيە، سېربىيە، ۋېنگىرىيەنىڭ ھەر ساھە ئەربابلىرى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ زىيارىتى دوستلۇقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدۇ

فىرانسىيە، سېربىيە، ۋېنگىرىيەنىڭ ھەر ساھە ئەربابلىرى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ زىيارىتى دوستلۇقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدۇ