ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

چاڭئې 6-نومۇرلۇق سۈنئىي ھەمراھنىڭ بىرىكمە گەۋدىسى قويۇپ بېرىش رايونىغا يۆتكەپ كېلىندى، 5-ئاينىڭ بېشىدا قويۇپ بېرىلىدۇ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-04-28 10:41

چاڭئې 6-نومۇرلۇق تەكشۈرگۈچ بىلەن ئۇزۇن سەپەر 5-نومۇرلۇق ياۋ سەككىز بەلگىلىك توشۇغۇچى راكېتا جۇڭگو ۋېنچاڭ ئالەم قاتنىشى قويۇپ بېرىش مەيدانىدا تېخنىكا رايونىنىڭ ئالاقىدار خىزمەتلىرىنى تاماملىغاندىن كېيىن، بىرىكمە گەۋدىسى 27-ئاپرېل قويۇپ بېرىش رايونىغا يۆتكەپ كېلىندى، 5-ئاينىڭ بېشىدا مۇۋاپىق پەيتتە قويۇپ بېرىلىدۇ.

27-ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن، «ئۇزۇن سەپەر 5-» نومۇرلۇق ياۋ سەككىز بەلگىلىك توشۇغۇچى راكېتانىڭ ھەرىكەتچان قويۇپ بېرىش سۇپىسى ئارقىلىق، بىرىكمە گەۋدىسى قويۇپ بېرىش رايونىغا يۆتكەلدى. كېيىن پىلان بويىچە تۈرلۈك ئىقتىدارلارنى تەكشۈرۈش، بىرلەشمە سىناق قىلىش، پروپېللانتنى قاچىلاش قاتارلىق خىزمەتلەر قانات يايدۇرۇلىدۇ. دۆلەتلىك ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى ئاينى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى ۋە ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشى مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى گې پىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: قويۇپ بېرىش رايونىدا يەنە چاڭئې 6-نومۇرلۇق تەكشۈرۈش ئەسۋابىغا توك قاچىلاشنى تەكشۈرۈش سىنىقى، تەقلىدىي قويۇپ بېرىش مانېۋىرى ۋە توشۇغۇچى راكېتاغا ئالاقىدار تەييارلىق خىزمەتلىرى قانات يايدۇرۇلىدۇ. ھازىر ئۇزۇن سەپەر 5-نومۇرلۇق ياۋ سەككىز بەلگىلىك توشۇغۇچى راكېتا بىلەن چاڭئې 6-نومۇرلۇق تەكشۈرگۈچنىڭ ئەھۋالى ياخشى بولۇپ، قويۇپ بېرىشتىن بۇرۇنقى تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرى نورمال خىزمەت تەرتىپى بويىچە تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلماقتا.

تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا

سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

چاڭئې 6-نومۇرلۇق سۈنئىي ھەمراھنىڭ بىرىكمە گەۋدىسى قويۇپ بېرىش رايونىغا يۆتكەپ كېلىندى، 5-ئاينىڭ بېشىدا قويۇپ بېرىلىدۇ

چاڭئې 6-نومۇرلۇق سۈنئىي ھەمراھنىڭ بىرىكمە گەۋدىسى قويۇپ بېرىش رايونىغا يۆتكەپ كېلىندى، 5-ئاينىڭ بېشىدا قويۇپ بېرىلىدۇ