ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

135-نۆۋەتلىك گۇاڭجۇ يەرمەنكىسىنىڭ 2-باسقۇچى تاماملىنىپ، ئېلىمىزنىڭ تاشقى سودا ھاياتىي كۈچى تولۇق نامايان قىلىندى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-04-28 10:43

135-نۆۋەتلىك گۇاڭجۇ يەرمەنكىسىنىڭ 2-باسقۇچى 27-ئاپرېل ئاياغلاشتى. يەرمەنكە باشلانغاندىن بۇيان، 214 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 191 مىڭ 900 چەتئەللىك سېتىۋېلىش سودىگىرى تور سىرتىدىكى يەرمەنكىگە قاتناشتى، بۇ ئالدىنقى نۆۋەتتىكى يەرمەنكىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %22.1 ئېشىپ، ئېلىمىزنىڭ تاشقى سودا ھاياتىي كۈچى تولۇق نامايان قىلىندى.

بۇ نۆۋەتلىك گۇاڭجۇ يەرمەنكىسىنىڭ 2-باسقۇچىدا «سۈپەتلىك ئۆي جاھازلىرى» باش تېما قىلىنغان بولۇپ، تور سىرتىدىكى كۆرگەزمە ئومۇمىي كۆلىمى 515 مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدۇ، كۆرگەزمىگە 9820 كارخانا قاتناشتى.

فۇجيەندىكى بىر كارخانىنىڭ كۆرگەزمە ئورنىدا ئىككى3D لىق پىرىنتېر نۇرغۇن چەتئەللىك سودىگەرنى جەلپ قىلدى. كارخانا مەسئۇلى ياڭ دېئەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يەرمەنكىگە قاتناشقان مەزگىلدە، 10 نەچچە دۆلەت ۋە رايوندىكى 30 نەچچە سېتىۋېلىش سودىگىرى بىلەن مۇددىئا زاكازى ئىمزالىدۇق. ساپالچىلىق تارىختا يەر شارى بويىچە سودا كۆۋرۈكى بەرپا قىلغان، بىزمۇ ساپالچىلىق ساھەسىدە 3D لىق پىرىنتېر تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق يېڭى سودا كۆۋرۈكى بەرپا قىلىشنى ئۈمىد قىلىمىز.

جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئۆزگىرىشكە ئىنتىلىشى گۇاڭجۇ يەرمەنكىسىدىن ئىبارەت بۇ سۇپا ئارقىلىق پۈتۈن دۇنيادىكى سودىگەرلەرگە تونۇشلۇق بولماقتا. ئېكۋادورنىڭ مال سېتىۋېلىش سودىگىرى جۇئان پابلو ئورتىز مۇنداق دېدى: جۇڭگو يېڭى مەھسۇلاتلارنى تەتقىق قىلىش ۋە پەن-تېخنىكىلىق جەھەتتە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ، بۇ بىزنىڭ ھەمكارلىقىمىزغا، يەر شارى بازىرىدىكى رىقابەتكە قاتنىشىشىمىزغا ناھايىتى زور ئەۋزەللىك ئېلىپ كېلىدۇ.

بىخەتەر، مۇھىت ئاسرايدىغان، پەن-تېخنىكىلىقى يۇقىرى سۈنئىي چىملىقتىن ھەم چاي دەملىگىلى، قەھۋە دەملىگىلى، ھەم مېۋە شەربىتى چىقارغىلى بولىدىغان كۆپ ئىقتىدارلىق ئىستاكانلارغىچە، كۆرگەزمە بۇيۇملىرىنىڭ ماتېرىيالىدىن تارتىپ ئىقتىدارىغىچە سۈپىتى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. گوللاندىيەلىك مال سېتىۋېلىش سودىگىرى كەيئېن بېرگمان مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ لايىھەلەش سۈپىتى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلۈۋاتىدۇ، ئىجادچانلىقى يۇقىرى، ئەسلىدە بىز ئىككى يىلدا بىر قېتىم كېلەلەيتتۇق، ھازىر بىر يىلدا ئىككى قېتىم كېلىۋاتىمىز، ھەممىسىدە يېڭى لايىھە ۋە مەھسۇلاتلارنى بايقىيالايمىز. بۇ بىزنىڭ بازار ئېچىشىمىزغا ناھايىتى چوڭ ياردەم بەردى.

تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا

سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت

 

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

135-نۆۋەتلىك گۇاڭجۇ يەرمەنكىسىنىڭ 2-باسقۇچى تاماملىنىپ، ئېلىمىزنىڭ تاشقى سودا ھاياتىي كۈچى تولۇق نامايان قىلىندى

135-نۆۋەتلىك گۇاڭجۇ يەرمەنكىسىنىڭ 2-باسقۇچى تاماملىنىپ، ئېلىمىزنىڭ تاشقى سودا ھاياتىي كۈچى تولۇق نامايان قىلىندى