ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

«رېن بىشى پارتىيە قۇرۇلۇشى توغرىسىدا» ناملىق كىتاب نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-04-29 10:32

يولداش رېن بىشى دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ 120 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت تەتقىقات يۇرتى تەھرىرلىگەن «رېن بىشى پارتىيە قۇرۇلۇشى توغرىسىدا» ناملىق كىتاب يېقىندا مەركىزىي ھۆججەت نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى، نەشر قىلىنغان كۈندىن باشلاپ پۈتۈن مەملىكەتتە تارقىتىلدى.

يولداش رېن بىشى يولداش ماۋ زېدۇڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كومپارتىيەسى بىرىنچى ئەۋلاد مەركىزى كومىتېت رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ مۇھىم ئەزاسى، «يولداش رېن بىشى پارتىيە قۇرۇلۇشى توغرىسىدا» ناملىق كىتابقا يولداش رېن بىشىنىڭ 1925-يىلى 1-ئايدىن 1949-يىلى 4-ئايغىچە بولغان پارتىيە قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم ماقالىلىرى كىرگۈزۈلگەن، بۇنىڭدا ماقالە، دوكلات، قىلغان سۆزى، نۇتۇقى، خەت-چەك، تېلېگرامما قاتارلىق 59 پارچە ئەسەر بار، بۇنىڭ ئىچىدىكى 11 پارچىسى تۇنجى قېتىم ئاشكارا ئېلان قىلىندى.

«رېن بىشى پارتىيە قۇرۇلۇشى توغرىسىدا» ناملىق كىتابنىڭ نەشر قىلىنىشى بىزنىڭ يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ،«ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش قۇرۇلۇشى، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشىمىزدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى

سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

«رېن بىشى پارتىيە قۇرۇلۇشى توغرىسىدا» ناملىق كىتاب نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

«رېن بىشى پارتىيە قۇرۇلۇشى توغرىسىدا» ناملىق كىتاب نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى