جۇڭگو ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئوربىتىدا ئۆتكۈزۈپ بېرىش-ئۆتكۈزۈۋېلىشنى تاماملىدى
شېنجۇ 17-، شېنجۇ 18-نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسىنىڭ ئالەم ئۇچقۇچىلىرى گۇرۇپپىسى 28-ئاپرېل چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچلەردە بوشلۇق پونكىتىنىڭ تيەنخې يادرولۇق بۆلمىسىدە ئوربىتىدا ئۆتكۈزۈپ بېرىش-ئۆتكۈزۈۋېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى، ئالتە ئالەم ئۇچقۇچىسى ئېتىراپنامىگە ئايرىم-ئايرىم ئىمزا قويدى، ئىككى گۇرۇپپا جۇڭگو بوشلۇق پونكىتىنىڭ ئاچقۇچىنى ئۆتكۈزۈپ بەردى. بۇ، بوشلۇق پونكىتى قۇرۇلغاندىن بۇيان ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ 4-قېتىم ئوربىتىدا ئۆتكۈزۈپ بېرىش-ئۆتكۈزۈۋېلىشنى تاماملاپ ئالمىشىشى، ھازىرغا قەدەر، شېنجۇ 17-نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسىنىڭ ئالەم ئۇچقۇچىلىرى بەلگىلەنگەن ۋەزىپىنى تولۇق تاماملىدى، 30-ئاپرېل شېنجۇ 17-نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسىگە ئولتۇرۇپ «شەرق شامىلى» قونۇش مەيدانىغا قايتىدۇ.
تەرجىمان: ئابدۇللا موللا
سېلىشتۇرغۇچى: قۇرباننىسا جاپپار