1088 كىشى مەملىكەتلىك «1-ماي» ئەمگەك مېدالىغا ئېرىشتى
2024-يىللىق «1-ماي» خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمىنى تەبرىكلەش ھەم مەملىكەتلىك 1-ماي ئەمگەك مېدالى ۋە مەملىكەتلىك ئىشچىلار ئاۋانگارتلىرىنى تەقدىرلەش يىغىنى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. 255 كوللېكتىپ ۋە 1088 شەخس ئايرىم-ئايرىم مەملىكەتلىك «1-ماي» ئەمگەك تەقدىرنامىسى ۋە ئەمگەك مېدالىغا، 1034 كوللېكتىپ مەملىكەتلىك ئىشچىلار ئاۋانگارتى دېگەن نامغا ئېرىشتى.
بۇ قېتىمقى تەقدىرلەشتە يېڭى ماھىيەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش ئوبيېكتلىرىنى تەۋسىيە قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىلدى، ئاساسىي قاتلامغا، بىرىنچى سەپكە، ئاددىي ئەمگەكچىلەرگە يۈزلىنىلدى، سانائەت ئىشچىلىرىغا مايىللاشتۇرۇلدى. 172 دېھقان ئىشلەمچى مەملىكەتلىك 1-ماي ئەمگەك مېدالىغا ئېرىشىپ، مېدالغا ئېرىشكەن ئومۇمىي ئادەم سانىنىڭ %18.2 نى ئىگىلەپ، يېڭى رېكورت يارىتىلدى.
تەرجىمان: ئابدۇللا موللا
سېلىشتۇرغۇچى: قۇرباننىسا جاپپار