ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

رەقەملىك كونترول ئىستانوك ئۇستىسى جاڭ ۋېي

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-04-29 10:39

فاڭيۈەن گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى قۇرۇلۇش ماشىنىلىرى 2-زاۋۇتىنىڭ سېخ مۇدىرى، رەقەملىك كونترول ئىستانوكى ئالىي تېخنىكى جاڭ ۋېي 22 يىل بىرىنچى سەپتە چىڭ تۇرۇپ، تېخنىكىدا ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، بىر قاتار قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى. ئەمدى «ئەمگەكچىلەر مارشى» ماۋزۇلۇق خەۋىرىمىزدە، رەقەملىك كونترول ئىستانوك ئۇستىسى جاڭ ۋېينى تونۇشتۇرىمىز.

2024-يىلى 11-يانۋار، ئېلىمىز ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياسىغان يەر شارى بويىچە ئەڭ چوڭ قاتتىق جىسىملىق توشۇغۇچى راكېتا «تارتىش كۈچى 1-نومۇر» شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ خەيياڭ شەھىرى ئەتراپىدىكى دېڭىز ساھىلىدا قويۇپ بېرىلىپ، ئۈچ سۈنئىي ھەمراھنى ئالدىن بەلگىلەنگەن ئوربىتىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك يەتكۈزدى. راكېتا قويۇپ بېرىش مۇراسىمىغا تەكلىپ بىلەن قاتناشقان جاڭ ۋېي نەق مەيداندا كۆزىگە ئىسسىق ياش ئالدى.
جاڭ ۋېي مۇنداق دېدى: مەن بۇنى چەكسىز شەرەپ ھېس قىلدىم، قويۇپ بېرىلگەن راكېتا بىز پىششىقلاپ ئىشلىگەن مەھسۇلاتلارنى ئېلىپ ئالەم بوشلۇقىغا چىقىپ، ئاۋىئاتسىيە ئارزۇيىمىزنى ئىشقا ئاشۇردى.

2023-يىلى، جاڭ ۋېي سېخ تېخنىكا كوللېكتىپىنى باشلاپ شەندۇڭ خەيياڭ يادرو ئېلېكتىر رېئاكتورى قاپقىقى چىشلىق چاق ھەرىكەت ئۇزىتىش ماشىنىسىنىڭ ساندۇقىنى پىششىقلاپ ئىشلەپ، بۇ زاپچاسنى پىششىقلاپ ئىشلەشنىڭ دەۋرىيلىكى ئۇزۇن، لاياقەتلىك بولۇش نىسبىتى تۆۋەن بولۇش قىيىن مەسىلىسىنى ھەل قىلدى. نۆۋەتتە، بۇ زاپچاس خەيياڭ يادرو ئېلېكتىرى 1- ۋە 2-نومۇرلۇق گېنىراتورلار گۇرۇپپىسىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشلىتىلىپ، دۆلەت ئىچىدىكى كارخانىلارنىڭ يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ يادرولۇق زاپچاسلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش بوشلۇقىنى تولدۇردى.

جاڭ ۋېي مۇنداق دېدى: بىزنىڭ ھۈنەر-سەنئىتىمىز قايتا-قايتا تەجرىبە قىلىش، قايتا-قايتا مەغلۇپ بولۇش، كۆپ قېتىم تەڭشەش، كۆپنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى جارى قىلدۇرۇش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا بارلىققا كەلگەن. بۇ بىر ئېتىقاد، بىز چوڭ دۆلەت مۇھىم جابدۇقلىرى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.

2018-يىلىدىن بۇيان، «جاڭ ۋېي ھۈنەرۋەن يېتىشتۈرۈش ئىشخانىسى» ھەر يىلى 200 مىڭدىن ئارتۇق زاپچاس مەھسۇلاتى، 300 دىن ئارتۇق سەرخىل زاپچاس ئىشلەپچىقاردى. رەقەملىك كونترول ئىستانوكىدىن ئىبارەت بۇ ساھەدە، جاڭ ۋېي ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىپ، شەكلى ھەر خىل زاپچاسلارنى پىششىقلاپ ئىشلەپ، كەسىپ ئارقىلىق ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش ھېسسىياتىنى نامايان قىلدى.

جاڭ ۋېي مۇنداق دېدى: دۆلەتنىڭ ياسىمىچىلىقى تەرەققىي قىلىۋاتقان، جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقان ياخشى پۇرسەتكە يېتىشىۋالغاندىلا، ئاندىن بىزنىڭ بۇ كوللېكتىپىمىز ئاۋىئاتسىيە-ئالەم قاتنىشى، يادرو ئېلېكتىرى، دېڭىز-ھاۋا جابدۇقلىرى قاتارلىق بىر قەدەر يارقىن نۇقتىلىق تۈرلەر ۋە ئىشلار بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتىگە ئىگە بولىدۇ، بىز بۇ دەۋرگە ئالاھىدە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز.

تەرجىمان: ئابدۇللا موللا

سېلىشتۇرغۇچى: قۇرباننىسا جاپپار

中央广播电视总台 央广网 版权所有

رەقەملىك كونترول ئىستانوك ئۇستىسى جاڭ ۋېي

رەقەملىك كونترول ئىستانوك ئۇستىسى جاڭ ۋېي