چېگرادىن كىرىش-چىقىشنى باشقۇرۇشقا دائىر خەلققە قولايلىق، كارخانىلارغا پايدىلىق ئالتە تۈرلۈك سىياسەت-تەدبىر ئېلان قىلىندى
دۆلەت كۆچمەنلەرنى باشقۇرۇش ئىدارىسى 28-ئاپرېل چېگرادىن كىرىش-چىقىشنى باشقۇرۇشقا دائىر خەلققە قولايلىق، كارخانىلارغا پايدىلىق ئالتە تۈرلۈك سىياسەت-تەدبىرنى ئېلان قىلدى، بۇ، بۇ يىل 6-مايدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. بېيجىڭ، تيەنجىن، شېنياڭ، خاربىن، شاڭخەي قاتارلىق 20 شەھەر چېگرادىن كىرىش-چىقىش گۇۋاھنامىسىنى توردا ئالماشتۇرۇش، تولۇقلاپ تارقىتىشنى سىناق قىلىپ، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ئاھالىلەرنىڭ چېگرادىن كىرىش-چىقىش گۇۋاھنامىسىنى ئالماشتۇرۇشتا «كۆزنەككە قاترىماسلىق»نى تۇنجى قېتىم ئىشقا ئاشۇردى.
تەرجىمان: مېھرىگۈل خۇدابەردى
سېلىشتۇرغۇچى: گۈزەلنۇر روزى