ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

پۈتۈن ئارمىيەدىكى ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلار «يېڭى دەۋر كۈرەش قارىشى» چوڭ مۇزاكىرىسىىنى كەڭ قانات يايدۇردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-04-29 16:25

مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، بۇ يىل پۈتۈن ئارمىيە «پارتىيەگە تەلپۈنۈش، سادىقلىقنى تاۋلاش، بىر نىيەتتە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىش»نى مەركەز قىلىپ، «ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىدىن ئۆگىنىپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشلىرىغا تۆھپە قوشۇش»ماۋزۇلۇق تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇردى. ھازىر قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان «يېڭى دەۋر كۈرەش قارىشى» چوڭ مۇزاكىرىسى تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى، سىياسىي جەھەتتىن تەرتىپكە سېلىش-تەربىيەلەشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ كۈچلۈك تۇتقىسى. بۇ قېتىمقى چوڭ مۇزاكىرىدە پۈتۈن ئارمىيەدىكى ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنىڭ «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر چۈشىنىشىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە بايرىقى ئاستىدا تېخىمۇ قەتئىي ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، يېڭى مۇساپىدە كۈرەش قىلىپ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەش كۆزدە تۇتۇلدى. مۇزاكىرىدە، ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلار «ئۆگىنىش، تەكشۈرۈش، پەرق ئېتىش، ئۆزگەرتىش» تىن ئىبارەت ھەر قايسى ھالقىلارنى چىڭ تۇتۇپ، قىسىمنىڭ ھەربىي مەشىق ۋە ئۇرۇش تەييارلىقى، سىياسىي تەرتىپكە سېلىش ۋە تەربىيەلەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى تېزلىتىش قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەر بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئىدىيەۋى ئىستىل، قىممەت ئىنتىلىشى، خىزمەت ئىقتىدارى، روھىي ھالەت قاتارلىق جەھەتلەردە يېتەرسىزلىكلەرنى تېپىپ چىقىپ، مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ يولغا قويۇشقا بولىدىغان پىكىر يولى ۋە ئەمەلىي تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، چوڭ مۇزاكىرىنىڭ نەتىجىسىنى ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يېتىش جېڭىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى قىلىشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇردى.

تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا

 سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل سېلىشتۇرغۇچى

中央广播电视总台 央广网 版权所有

پۈتۈن ئارمىيەدىكى ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلار «يېڭى دەۋر كۈرەش قارىشى» چوڭ مۇزاكىرىسىىنى كەڭ قانات يايدۇردى

پۈتۈن ئارمىيەدىكى ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلار «يېڭى دەۋر كۈرەش قارىشى» چوڭ مۇزاكىرىسىىنى كەڭ قانات يايدۇردى