ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بۇ يىل بىرىنچى پەسىلدە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ مۇھىت ھاۋا سۈپىتى ۋە سۇ ئېكولوگىيە مۇھىت سۈپىتى ئومۇمىي جەھەتتىن داۋاملىق ياخشىلاندى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-04-29 16:27

ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى 28-ئاپرېل مۇنۇلارنى ئېلان قىلدى: بۇ يىل 1-پەسىلدە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ مۇھىت ھاۋا سۈپىتى ۋە سۇ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتى ئومۇمىي جەھەتتىن سىجىل ياخشىلاندى.

بۇ يىل 1-پەسىلدە، مەملىكەت بويىچە 339 ۋىلايەت دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى شەھەرنىڭ PM2.5 نىڭ ئوتتۇرىچە قويۇقلۇقى 43 مىكروگرام/كۇب مېتىر بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.5 تۆۋەنلىگەن. ھاۋا سۈپىتى ياخشى بولغان كۈن سانى نىسبىتى %83.6 بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 3.5 پوئېنت ئاشقان. بېيجىڭ- تيەنجىن-خېبېي ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلار، فېنخې-ۋېيخې تۈزلەڭلىكىنىڭ مۇھىت ھاۋا سۈپىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلانغان. ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى پېي شياۋفېينىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، سۇنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتى داۋاملىق ياخشىلانغان. دۆلەتنىڭ 3641 يەر ئۈستى سۈيىنى باھالاش كەسمە يۈزى ئىچىدە، سۇ سۈپىتى ياخشى بىرىنچى ۋە ئۈچىنچى تۈردىكى سۇ كەسمە يۈزىنىڭ نىسبىتى %89.9 بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 0.8 پوئېنت ئاشقان. ئۆلچەپ تەكشۈرۈلگەن 201 نۇقتىلىق كۆل (سۇ ئامبار) ئىچىدە سۇ سۈپىتى ياخشى كۆل (سۇ ئامبار) لىرىنىڭ نىسبىتى %82.1 كە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 1.1 پوئېنت ئاشقان.

تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا

سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有