ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

«1-ماي» بايرىمىلىق دەم ئېلىشنىڭ ئالدىنقى مەزگىلىدە مەملىكەتنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ھاۋا ئوچۇق بولىدىكەن، دەم ئېلىشنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدە ئوتتۇرا، شەرقىي قىسىم رايونلاردا كەڭ دائىرىدە قاتتىق يامغۇر ياغىدىكەن ۋە كۈچلۈك كونۋېكسىيەلىك ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-04-30 09:15

مەركىزىي ھاۋارايى ئىستانسىسىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، «1-ماي» مەزگىلىدە، مەملىكەتنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا تېمپېراتۇرا ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولىدىكەن، 4-مايدىن 5-مايغىچە، سوغۇق ھاۋا ئېقىمى شىمالىي جۇڭگو، خۇاڭخې، خۇەيخې دەرياسى، شەرقىي شىمال رايونىنىڭ جەنۇبىي قىسمى قاتارلىق جايلارغا تەسىر كۆرسىتىپ، تېمپېراتۇرا تۆت سېلسىيە گىرادۇستىن سەككىز سېلسىيە گىرادۇسقىچە تۆۋەنلەيدىكەن، قىسمەن جايلاردا 10 سېلسىيە گىرادۇس تۆۋەنلەيدىكەن.

1-مايدىن 2-مايغىچە، ئېلىمىزنىڭ ئوتتۇرا، شەرقىي قىسمىدىكى كۆپ قىسىم رايونلاردا ھاۋا ئوچۇق بولىدىكەن، شىزاڭنىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمى ۋە جەنۇبىي جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا، شەرقىي قىسمىدىكى قىسمەن رايونلاردا قارا يامغۇر ياغىدىكەن، جەنۇبىي جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا، شەرقىي قىسىم دېڭىز بويىدىكى قىسمەن جايلاردا كۈچلۈك قارا يامغۇر ياغىدىكەن.

3-مايدىن 5-مايغىچە، كۈندۈزى ئوتتۇرا، شەرقىي قىسىمدا بىر قېتىم كەڭ دائىرىدە قاتتىق يامغۇر ياغىدىكەن ۋە كۈچلۈك كونۋېكسىيەلىك ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن، غەربىي جەنۇب رايونىنىڭ شەرقىي قىسمى، چاڭجياڭ-خەنشۈي، چاڭجياڭ-خۇەيخې، چاڭجياڭنىڭ جەنۇبى ۋە جەنۇبىي جۇڭگو قاتارلىق جايلاردا ئوتتۇرھال ۋە قاتتىق يامغۇر ياغىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە چاڭجياڭنىڭ جەنۇبى ۋە جەنۇبىي جۇڭگونىڭ قىسمەن رايونلىرىدا قارا يامغۇر ياغىدىكەن، خۇنەننىڭ ئوتتۇرا جەنۇبىي قىسمى، جياڭشىنىڭ ئوتتۇرا جەنۇبىي قىسمى، گۇاڭشىنىڭ ئوتتۇرا شىمالىي قىسمى ۋە گۇاڭدۇڭنىڭ ئوتتۇرا، غەربىي قىسمى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا كۈچلۈك قارا يامغۇر ياغىدىكەن.

تەرجىمان: گۈلبەھرەم مۇختار

سېلىشتۇرغۇچى: بەختىيار تۇردى

中央广播电视总台 央广网 版权所有

«1-ماي» بايرىمىلىق دەم ئېلىشنىڭ ئالدىنقى مەزگىلىدە مەملىكەتنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ھاۋا ئوچۇق بولىدىكەن، دەم ئېلىشنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدە ئوتتۇرا، شەرقىي قىسىم رايونلاردا كەڭ دائىرىدە قاتتىق يامغۇر ياغىدىكەن ۋە كۈچلۈك كونۋېكسىيەلىك ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن

مەركىزىي ھاۋارايى ئىستانسىسىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، «1-ماي» مەزگىلىدە، مەملىكەتنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا تېمپېراتۇرا ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولىدىكەن،