ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جايلار كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، «1-ماي» بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنىڭ توك ئىشلىتىش ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-04-30 09:14

  دۆلەت ئېلېكتىر تورى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئاپتوموبىل بىرلەشمە تورى سۇپىسىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، بۇ يىل «1ـ ماي» بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، مەملىكەتنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدىكى يۇقىرى سۈرەتلىك تاشيوللار توك قاچىلاش يۇقىرى پەللىسىنى كۈتۈۋالىدىكەن، مەملىكەت بويىچە يۇقىرى سۈرەتلىك تاشيوللاردا كۈندىلىك توك قاچىلاش قېتىم سانى 300 مىڭ قېتىمدىن ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %50 كۆپىيىدىكەن. كۈندىلىك توك قاچىلاش قېتىم سانى چوققا قىممىتى چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدىكىدىن %50 ئېشىشى مۇمكىن ئىكەن.

  ئېلىمىزدىكى نۇرغۇن جايلار «1-ماي» بايرىمى مەزگىلىدە يۇقىرى سۈرەتلىك تاشيوللاردىكى توك قاچىلاش يۇقىرى دولقۇنىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، توكلىغۇچنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىش سالمىقىنى زورايتتى. تيەنجىن بايرامدىن بۇرۇن 103 توكلىغۇچنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىپ، پۈتۈن شەھەردىكى 17 يۇقىرى سۈرەتلىك تاشيولدا تېز سۈرەتلىك توكلىغۇچ بىلەن تولۇق قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇردى. چۇڭچىڭدا ئېلېكتىر تارماقلىرى ئاپتوموبىللار زىچ توپلاشقان يۇقىرى سۈرەتلىك تاشيول مۇلازىمەت رايونىدا يېڭىدىن دەرىجىدىن تاشقىرى توكلىغۇچ پونكىتىدىن يەتتىنى قۇرۇپ، توكلىغۇچ ئورنىدىن 56 نى كۆپەيتتى.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جايلار يەنە كۆچمە جىددىي توك قاچىلاش ئاپتوموبىلى قاتارلىقلارنى سەپلەش سالمىقىنى زورايتتى. شاڭخەي ئېلېكتىر تارماقلىرى شاڭخەي-كۈنمىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ فېڭجىڭ مۇلازىمەت رايونىغا كۆچمە توك قاچىلاش ئاپتوموبىلى سەپلەپ، يۇقىرى پەللە مەزگىلىدىكى توك قاچىلاش ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ. جياڭسۇ ئېلېكتىر تارماقلىرى ئاپتوموبىل ئىگىلىرىنىڭ بىخەتەر سەپەرگە چىقىشىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، 18 كۆچمە توك قاچىلاش ئاپتوموبىلىنى جانلىق تەڭشەپ، جىددىي توك قاچىلاش مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇردى.

  تەرجىمان: گۈلبەھرەم مۇختار

  سېلىشتۇرغۇچى: بەختىيار تۇردى

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جايلار كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، «1-ماي» بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنىڭ توك ئىشلىتىش ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ

دۆلەت ئېلېكتىر تورى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئاپتوموبىل بىرلەشمە تورى سۇپىسىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، بۇ يىل «1ـ ماي» بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە،