ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

1-پەسىلدە ئەشيا ئوبوروتىنىڭ يۈرۈشۈشى ياخشى بولدى، كۆپ ساھەلەرنىڭ ھەمكارلىشىپ ياردەم بېرىش ئۈنۈمى ئاشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-04-30 09:42

  جۇڭگو ئەشيا ئوبوروتى ۋە سېتىۋېلىش بىرلەشمىسى 29-ئاپرېل 1-پەسىللىك ئەشيا ئوبوروتىنىڭ يۈرۈشۈش سانلىق مەلۇماتىنى ئېلان قىلدى. بىرىنچى پەسىلدە، ئېلىمىزنىڭ ئەشيا ئوبوروتى ئېھتىياجى سىجىل ئەسلىگە كېلىپ ياخشىلىنىشقا يۈزلەندى، ئەشيا ئوبوروتى بىلەن تەمىنات قۇرۇلمىسى داۋاملىق ئەلالاشتى، ئەشيا ئوبوروتىنىڭ يۈرىشىش ئۈنۈمى مۇقىم ئاشتى.

  بۇ يىل 1-پەسىلدە، مەملىكەت بويىچە ئىجتىمائىي ئەشيا ئوبوروت ئومۇمىي سوممىسى 88 تىرىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.9 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 2 پوئېنت تېز بولدى.

  ئىجتىمائىي ئەشيا ئوبوروت ئېھتىياجى قۇرۇلمىسىدىن قارىغاندا، سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى، خەلق تۇرمۇشى ئىستېمالى قاتارلىق ساھەلەردىكى ئەشيا ئوبوروت ئېھتىياجىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى بىر قەدەر تېز ئەسلىگە كېلىش ھالىتىنى ساقلىدى. بولۇپمۇ ئۈسكۈنىلەرنى كەڭ كۆلەمدە يېڭىلاش ۋە ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش قاتارلىق ئالاقىدار سىياسەتلەرنىڭ تۈرتكىسىدە، تېخنىكا ئۆزگەرتىشكە ئالاقىدار كومپيۇتېر، خەۋەرلىشىش ياسىمىچىلىقى، يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ياسىمىچىلىقى قاتارلىق ساھەلەرنىڭ ئەشيا ئوبوروتى ئېھتىياجى مۇقىم ئاشتى ھەمدە ئىككى خانىلىق ساندىن يۇقىرى ئېشىش ھالىتىنى ساقلىدى.

  تىرانسپورت قۇرۇلمىسىدىن قارىغاندا، 1ـ پەسىلدە، قاتناش-تىرانسپورت ئەشيا ئوبوروتى ئومۇمىي جەھەتتىن راۋان يۈرۈشۈشىنى ساقلاپ، كۆپ خىل ئۇسۇلدا بىرلىشىپ توشۇش قاتارلىق ساھەلەردە تېز تەرەققىي قىلىش ۋەزىيىتى كۆرۈلۈپ، تىرانسپورت ئەشيا ئوبوروتىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، ماسلىشىشچانلىقىنى كۈچەيتىشكە كۈچ قوشۇلدى.

  1-پەسىلدە، ئىجتىمائىي ئەشيا ئوبوروت ئومۇمىي خىراجىتى 4 تىرىليون 300 مىليارد يۈەن بولۇپ، ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى بىلەن بولغان نىسبىتى %14.4 بولۇپ، ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 0.2 پوئېنت تۆۋەنلىدى، يەنى بىرلىك ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىگە كېتىدىغان ئەشيا ئوبوروت خىراجىتى تۆۋەنلىدى.

  ئۇنىۋېرسال تەرەپتىن قارىغاندا، 1-پەسىلدە سىياسەت ئۈنۈمى داۋاملىق گەۋدىلىنىپ، ئەشيا ئوبوروتىغا ئالاقىدار مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسى مۇقىم ئاشتى، ئەشيا ئوبوروتى ئۇل ئەسلىھە سەۋىيەسى سىجىل ياخشىلاندى، ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئەشيا ئوبوروتىنىڭ يۈرۈشۈشىدە ئەسلىگە كېلىپ ياخشىلىنىش، مۇقىملىق ئاساسىدا ئۆسۈشتەك تەرەققىيات ۋەزىيىتىنىڭ داۋاملىق بارلىققا كېلىشىدىن ئۈمىد بار.

  تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل

  سېلىشتۇرغۇچى: پاتىگۈل مەمەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

1-پەسىلدە ئەشيا ئوبوروتىنىڭ يۈرۈشۈشى ياخشى بولدى، كۆپ ساھەلەرنىڭ ھەمكارلىشىپ ياردەم بېرىش ئۈنۈمى ئاشتى

بۇ يىل 1-پەسىلدە، مەملىكەت بويىچە ئىجتىمائىي ئەشيا ئوبوروت ئومۇمىي سوممىسى 88 تىرىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.9 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 2 پوئېنت تېز بولدى.