ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

خېبېي: شيۇڭئەن يېڭى رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى پەللىگە يۈكسىلىشىگە تۈرتكە بولماقتا

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-04-30 09:42

  29-ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى «يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش» باش تېمىسىدا يۈرۈشلۈك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. خېبېي ئۆلكىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى.

  بۇ يىل بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېينى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش مۇھىم دۆلەت ئىستراتېگىيەسى ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنىڭ 10 يىللىقى، خېبېي ئۆلكىسى بېيجىڭ، تيەنجىندىن 43 مىڭ ئاساسلىق ئىدارىنى قوبۇل قىلدى. بۇلتۇر خېبېي ئۆلكىسى بېيجىڭ، تيەنجىندىن قوبۇل قىلغان تېخنىكا توختامىدىكى پۈتۈشۈش سوممىسى 81 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، 2014-يىلىدىكىنىڭ 10 ھەسسىسىگە توغرا كەلدى، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ 2-، 3-دەرىجىلىك بالا شىركەتلىرىنى كىرگۈزۈشتە تارىخىي بۆسۈش ھاسىل قىلىندى.

  يەتتە يىلدىن بۇيان، شيۇڭئەن يېڭى رايونى تېز تەرەققىي قىلدى. ھازىر، شيۇڭئەن يېڭى رايونى قوزغىتىش رايونىدىكى غول يول تورىدا ئومۇميۈزلۈك قاتناش باشلاندى، نۇقتىلىق شەھەر مەمۇرىيىتى ئۇل ئەسلىھەلىرى ئاساسىي جەھەتتىن پۈتتى، بىر تۈركۈم بەلگە خاراكتېرلىك تۈرلەر ئاساسىي جەھەتتىن تاماملاندى، ئىنتېرنېت كەسىپ باغچىسى، ئىلىم-پەن باغچىسى، باش ئىشتاب رايونى ۋە تۆت ئۇنىۋېرسال تۇرالغۇ رايونىنىڭ ئوبرازى دەسلەپكى قەدەمدە نامايان بولدى.

  2023-يىلى خېبېي ئۆلكىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى %5.5 ئاشتى، بۇ يىل 1-پەسىلدە %5.6 ئاشتى، ئاساسلىق كۆرسەتكۈچلەر مۇقىملىق ئاساسىدا ئېشىپ، ياخشى ۋەزىيەت ساقلاندى. پولات-تۆمۈر، جابدۇق ياسىمىچىلىقى قاتارلىق ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش، ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر، بىيو تېببىي دورا قاتارلىق گۈللەنمە كەسىپلەر تېز تەرەققىي قىلدى، 2023-يىلى پۈتۈن ئۆلكىنىڭ يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر سېلىنمىسى %24.7 ئاشتى.

  بۇ يىل خېبېي ئۆلكىسى ئەلالاشتۇرۇش، ئەقلىيلەشتۈرۈش، يېشىللاشتۇرۇش يۆنىلىشىنى نىشانلاپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئۆزگەرتىش ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېينىڭ ھەمكارلىشىپ يېڭىلىق يارىتىشىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شيۇڭئەن يېڭى رايونىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئېگىزلىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، بىر تۈركۈم يېڭى كەسىپ، يېڭى ئەندىزە، يېڭى قۇۋۋەتنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ.

  تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل

  سېلىشتۇرغۇچى: پاتىگۈل مەمەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

خېبېي: شيۇڭئەن يېڭى رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى پەللىگە يۈكسىلىشىگە تۈرتكە بولماقتا

29-ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى «يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش» باش تېمىسىدا يۈرۈشلۈك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. خېبېي ئۆلكىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى.