مۆلچەرلىنىشىچە، «1-ماي» بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن پۈتۈن جەمئىيەتتە رايون ھالقىيدىغان خادىملارنىڭ يۆتكىلىش مىقدارى 270 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشىدىكەن
مۇخبىرنىڭ قاتناش تىرانسپورت مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل «1-ماي» بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، يەتتە كىشىلىك ۋە يەتتە كىشىلىكتىن تۆۋەن كىچىك تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىللىرىدىن ھەق ئېلىنىدىغان تاشيوللاردا يۈرۈش ھەققى ئالماسلىق سىياسىتى داۋاملىق ئىجرا قىلىنىدىكەن، ھەقسىز يۈرۈش ۋاقتى 1-ماي سائەت 0دىن 5-ماي سائەت 24كىچە بولۇپ، جەمئىي بەش كۈن داۋاملىشىدىكەن.
مۆلچەرلىنىشىچە، «1-ماي» بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن پۈتۈن جەمئىيەتتتە رايون ھالقىيغان خادىملارنىڭ يۆتكىلىش مىقدارى 270 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ، 2023-، 2019-يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكى سەۋىيەدىن ئېشىپ كېتىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ سەپەرگە چىقىش نىسبىتى %80 تىن ئاشىدىكەن. مەملىكەت بويىچە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللارنىڭ كۈندىلىك ئوتتۇرىچە ئېقىم مىقدارى 63 مىليون 500 مىڭ بولۇپ، ئادەتتىكى كۈنلەردىكى ئېقىم مىقدارىنىڭ 1.8 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىكەن، ئېقىم مىقدارى چوققا قىممىتى 67 مىليونغا يېتىپ، ئۆلكە ئىچىدىكى قىسقا مۇساپىلىك ۋە ئۆلكە ھالقىغان ئوتتۇرا، ئۇزۇن يوللۇق سەپەرگە چىقىش گىرەلىشىپ كېتىشتەك ئالاھىدىلىك كۆرۈلىدىكەن.
29-ئاپرېل تۆمۈر يوللاردا «1-ماي» بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى توشۇش ئومۇميۈزلۈك باشلاندى، 29-ئاپرېلدىن 6-مايغىچە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى تۆمۈر يوللاردا 144 مىليون ئادەم قېتىم يولۇچى توشۇش مۆلچەرلەندى. پويىز بېلىتىنى ئالدىن سېتىش ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، 1-ماي يولۇچىلار ئەڭ كۆپ بولغان كۈن بولۇپ، شۇ كۈنى تەخمىنەن 21 مىليون ئادەم قېتىم يولۇچى توشۇلىدىكەن.
تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل
سېلىشتۇرغۇچى: پاتىگۈل مەمەت