ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

28-نۆۋەتلىك جۇڭگو ياشلىرى 4-ماي مېدالىنىڭ باھالاش نەتىجىسى ئېلان قىلىندى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-04-30 09:54

      4-ماي ياشلار بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، 28-نۆۋەتلىك جۇڭگو ياشلىرى 4-ماي مېدالىنىڭ باھالاش نەتىجىسى ئېلان قىلىندى.

      كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسى ۋاڭ چۈەنچاۋ، ۋاڭ جۈنياڭ، ۋاڭ سىبو قاتارلىق 30 يولداشقا 28-نۆۋەتلىك جۇڭگو ياشلىرى 4-ماي مېدالى بېرىشنى، جۇڭگو تۆمۈريول 4-ئىدارىسى جاكارتا-باندۇڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تۈر بۆلۈمى ياش زەربىدارلار ئەترىتى، 31622-قىسىم 43-شۆبە ئەترىتى، جۇڭگو تۆمۈريول پەن تەتقىقات يۇرتى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى CR450 پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش قۇرۇلۇشىنىڭ ھالقىلىق سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىپ ياساش ۋە سىناق قىلىش ياشلار كوللېكتىپى قاتارلىق 20 ياشلار كوللېكتىپىغا جۇڭگو ياشلىرى 4-ماي مېدالى كوللېكتىپى دەپ نام بېرىشنى قارار قىلدى.

      ئۇلار ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى كۆڭلىگە پۈكۈپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، يېشىل تەرەققىيات، جەمئىيەت مۇلازىمىتى، دۆلەت چېگراسىنى قوغداش قاتارلىق ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى خىزمەتلەردە غايىسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىجتىھات بىلەن ئەمەلىي ئىشلەپ، ساداقەتمەنلىك بىلەن تۆھپە قوشۇپ، باتۇرلۇق بىلەن ئالدىدا مېڭىپ، ياشلىق باھارىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشقا بېغىشلاپ، دادىللىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشتەك كۆتۈرەڭگۈ جاسارىتىنى تولۇق نامايان قىلدى.

      29-ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسى يەنە «جۇڭگو ياشلىرى 4-ماي مېدالى» تارقىتىش، تەقدىرلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى ھەم 100 مەيدان تەشۋىقات پائالىيىتىنى ماس قەدەمدە باشلاپ، مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ۋەكىللەر ۋە ھەر ساھە، ھەر قايسى تەرەپلەردىكى ياش تىپلارنى مەكتەپ، مەھەللە، يېزا، كارخانا قاتارلىق ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىگە بېرىپ، لېكسىيە سۆزلەش، ھەمتۈرتكە بولۇش، پىكىر ئالماشتۇرۇشقا تەكلىپ قىلىپ، كۈرەش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچىنى مۇجەسسەملىدى.

      تەرجىمان: پاتىگۈل مەمەت 

      سېلىشتۇرغۇچى: ئىمىنجان ئىسمايىل

中央广播电视总台 央广网 版权所有

28-نۆۋەتلىك جۇڭگو ياشلىرى 4-ماي مېدالىنىڭ باھالاش نەتىجىسى ئېلان قىلىندى

4-ماي ياشلار بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، 28-نۆۋەتلىك جۇڭگو ياشلىرى 4-ماي مېدالىنىڭ باھالاش نەتىجىسى ئېلان قىلىندى.