ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

«1-ماي» بايراملىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە جايلارنىڭ مەدەنىيەت، ساياھەت ئىستېمالى جانلىنىپ، دەم ئېلىش كۈنى ئىقتىسادىنىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇتۇلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-05-02 09:15

  بۇ يىل «1-ماي» بايراملىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، جايلار كىشىلەرنى جەلپ قىلىدىغان، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەت چوڭقۇر يۇغۇرۇلغان ھەر خىل ئۆزگىچە پائالىيەتلەرنى پائال يولغا قويۇپ، بىر قاتار يېڭىچە ئويناش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق ئىستېمال ئېھتىياجىنىڭ مەركەزلىك قويۇپ بېرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ساياھەتچىلەرنىڭ دەم ئېلىش كۈنلىرىدىكى تەسىراتىنى بېيىتتى.

  «1-ماي» بايراملىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، سەنشى داتۇڭ يۈنگاڭ تەتقىقات يۇرتىنىڭ تەتقىقاتچىسى ۋاڭ يەنچىڭ يېڭى سالاھىيەتكە ئىگە بولدى، ئۇ يۈنگاڭ تاشكىمىر مەنزىرە رايونىنىڭ چۈشەندۈرگۈچىسى بولۇپ، ساياھەتچىلەرگە بۇت تارىخىنى ئومۇملاشتۇردى. ئېكسكۇرسىيە قىلغىلى كەلگەن تەتقىقات ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى ۋۇ لىنا نۇرغۇن يېڭى بىلىملەرنى ئۆگىنىۋالدى.

  ۋۇ لىنا مۇنداق دېدى: ئىلگىرى مەن دۇنخۇاڭغا، دازۇ تاش ئويمىلىرىغا بېرىپ باققان، جۇڭگودىكى بىر قانچە چوڭ تاشكىمىرلەرنى ئارقا-ئارقىدىن كۆرۈپ، بىلىم قۇرۇلمام مۇكەممەللەشكەندەك تۇيغۇغا كەلدىم.

  تەتقىقات ئۆمىكى يەنە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتى نەق مەيدانىغا بېرىپ، ئەسلىگە كەلتۈرگۈچىلەر بىلەن يۈز تۇرانە پىكىر ئالماشتۇرسا بولىدۇ. قول بىلەن ئىشلەش دەرسىدە، كۇرسانتلار نۇسخا ياساش ئارقىلىق، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش خىزمىتىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ، تاشكىمىر قۇرۇلۇشلىرىغا يوشۇرۇنغان ئەنئەنىۋى ھۈنەر-سەنئەتنىڭ گۈزەللىكىنى ھېس قىلدى. داتۇڭ شەھىرىدىكى مەلۇم ئوتتۇرا مەكتەپ ساياھەت يېتەكچىسى گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى شى شىخۇا مۇنداق دېدى: تاشكىمىرنى ئەنئەنىۋى قوغداش ئۇسۇلى ۋە ھازىرقى زامان رەقەملەشكەن 3D بېسىش قوغداش تەدبىرى، ئەنئەنىۋى قوغداش بىلەن زامانىۋى قوغداشنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ قەلبىگە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ھېسسىياتىنى سىڭدۈردى.

  خۇنەن ئۆلكىسى چاڭشا شەھىرى تەنجۇ شەھىرىدە خەنفۇ سىناش سارىيى، چۆكمە تىياتىرخانا تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ساياھەتچىلەر نەپىس قەدىمىي ئۇسلۇبتىكى كىيىملەرنى كىيىپ، رول ئالغۇچى خادىملارغا ئەگىشىپ دېلو تەكشۈرۈش، سودا قىلىش، مەخپىيەتلىكنى يېشىش ئارقىلىق «سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى كىشىلەرنىڭ بىر كۈنى» نى ھېس قىلالايدۇ. مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشى ساياھەتچىلىكنىڭ ئىچكى خاس مەزمۇنىنى كېڭەيتتى، شۇنداقلا تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىلەرنى زىيارەتكە كېلىشكە جەلپ قىلدى.

  بەزى جايلار يەنە ئەنئەنىۋى ساياھەت ئاۋات جايلىرىدا يېڭىچە ئويناش ئۇسۇللىرىنى بەرپا قىلدى. جېجياڭ ئۆلكىسى خۇجۇ شەھىرى چاڭشىڭ ناھىيەسى قەھۋە مەدەنىيەت بايرىمى ئۆتكۈزدى، مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى 40 نەچچە داڭلىق ماركىلىق قەھۋە كۆرگەزمە قىلىندى، ساياھەتچىلەر بىر تەرەپتىن يېزا-كەنتلەرنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىدىن، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزگىچە قەھۋە مەدەنىيەت زىياپىتىدىن ھۇزۇرلاندى. چاڭشىڭ ناھىيەسى شياۋپۇ بازىرى ئېكولوگىيەلىك ساياھەت ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى جېڭ جىڭيۈەن مۇنداق دېدى: يېزا قەھۋە مەدەنىيەت بايرىمى «قەھۋە» نى ۋاسىتە قىلىپ، شۇ جاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشتى.

  تەرجىمان: ئەنۋەر ئەركىن

  سېلىشتۇرغۇچى: بەختىيار تۇردى

中央广播电视总台 央广网 版权所有

«1-ماي» بايراملىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە جايلارنىڭ مەدەنىيەت، ساياھەت ئىستېمالى جانلىنىپ، دەم ئېلىش كۈنى ئىقتىسادىنىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇتۇلدى

بۇ يىل «1-ماي» بايراملىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، جايلار كىشىلەرنى جەلپ قىلىدىغان، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەت چوڭقۇر يۇغۇرۇلغان ھەر خىل ئۆزگىچە پائالىيەتلەرنى پائال يولغا قويۇپ، بىر قاتار يېڭىچە ئويناش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق ئىستېمال ئېھتىياجىنىڭ مەركەزلىك قويۇپ بېرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ساياھەتچىلەرنىڭ دەم ئېلىش كۈنلىرىدىكى تەسىراتىنى بېيىتتى.