ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جايلار 1-ماي بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى يولۇچىلار يۇقىرى پەللىسىنى كۈتۈۋالدى، قاتناش-تىرانسپورت تارماقلىرى يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىشىغا كاپالەتلىك قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-05-02 09:32

  «1-ماي» بايرىمى مەزگىلىدە نۇرغۇن جايلار سەپەرگە چىقىشنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى كۈتۈۋالدى. قاتناش تىرانسپورت، قاتناش ساقچىلىرى قاتارلىق تارماقلار ساياھەتچىلەرنىڭ سەپەرگە چىقىشىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن كاپالەتلىك قىلدى.

  جۇڭگو تۆمۈر يول جېڭجۇ ئىدارىسى گۇرۇھى 1-ماي يولۇچىلار يۇقىرى پەللىسىنى كۈتۈۋالدى، پويىزلار ئاساسلىقى بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجۇ، شېنجېن، خاڭجۇ قاتارلىق شەھەرلەرگە قاتنىغان بولۇپ، لوياڭ، نەنياڭ، ئەنياڭ قاتارلىق ساياھەت شەھەرلىرىنى ئاساس قىلىدۇ. جۇڭگو تۆمۈريول جېڭجۇ ئىدارىسى گۇرۇھىنىڭ خىزمەتچىسى جاۋ جىڭجىڭ مۇنداق دېدى: 1-ماي، دۆلەت تۆمۈريولى گۇرۇھى جېڭجۇ ئىدارىسى بېيجىڭ، شاڭخەي، خاڭجۇ قاتارلىق جايلارغا كېچىدە قاتنايدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزدىن 50 نى، ساياھەت ئاۋات رايونلىرىغا قاتنايدىغان يولۇچىلار پويىزىدىن 26 نى كۆپەيتىپ، سەپەر ئېھتىياجىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قاندۇردى.

  چاڭجياڭ دېلتىسى تۆمۈر يولى 1-ماي بايراملىق دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى يولۇچىلار ئەڭ يۇقىرى پەللىسىنى كۈتۈۋالدى. نەنجىڭ ۋوگزالىدا يولۇچىلار چاڭجياڭ دېلتىسى ۋە بېيجىڭ، شىئەن، چاڭشا، ۋۇخەن قاتارلىق شەھەرلەردىكى ساياھەت، تۇغقان يوقلاش ۋە ئوقۇغۇچىلار ئېقىمىنى ئاساس قىلدى. تۆمۈريول نەنجىڭ ۋوگزالىنىڭ نۆۋەتچى باشلىقى خەن جىجۈن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 1-ماي جەمئىي 85 جۈپ ۋاقىتلىق يولۇچىلار پويىزى كۆپەيتىلدى.

  دەم ئېلىشنىڭ تۇنجى كۈنى جياڭسۇنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدىكى ئاپتوموبىل يولۇچىلار تىرانسپورت بېكەتلىرىدە يولۇچىلار شىددەت بىلەن كۆپەيدى. پويىز بېلىتى قىس بولغان بىر قىسىم شەھەرلەرگە قارىتا، ئاپتوموبىل بېكەتلىرى مۇۋاپىق پەيتتە ئۆلكە ھالقىغان ئۇزۇن يوللۇق نۆۋەتچى ئاپتوبۇسلارنى كۆپەيتتى. نەنجىڭ شىياۋخوڭشەن ئاپتوموبىل يولۇچىلار بېكىتىنىڭ نۆۋەتچى باشلىقى چېن جيۇڭ مۇنداق دېدى: خېنەن يۆنىلىشىدە جېڭجۇ، لوياڭ، شاڭچيۇغا بارىدىغان نۆۋەتچى ئاپتوبۇس بار، شەندۇڭ يۆنىلىشىدە چىڭداۋ، يەنتەي، ۋېيخەيگە بارىدىغان نۆۋەتچى ئاپتوبۇسلارنىڭ ھەممىسى كەچقۇرۇن يولغا چىقىپ ئەتىگەندە يېتىپ بارىدۇ.

  1-ماي بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، شەنشىدە يول قاتناش مىقدارى زور دەرىجىدە ئېشىپ، 23 مىليون 200 مىڭدىن كۆپرەككە يېتىشى مۆلچەرلەندى. شەنشى ئۆلكىلىك ج خ نازارىتى قاتناش ساقچى باش ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى خې شياۋيۈ مۇنداق دېدى: ساقچى كۈچىنى ئاشۇرۇپ، نۇقتىلىق مەزگىل، يول بۆلەكلىرىدە تەشۋىق قىلىش، يېتەكلەش، قوماندانلىق قىلىش، راۋانلاشتۇرۇش، چارلاش، باشقۇرۇش، كونترول قىلىشنى كۈچەيتتۇق. ساياھەت تارماقلىرى ۋە مەنزىرە رايونى ئەتراپىدىكى ئورۇنلارنى ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىنى ئېچىۋېتىش، تاق يۆنىلىشلىك ئايلىنىش، ئاپتوموبىل توختىتىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا پائال ماسلاشتۇرۇپ، مەنزىرە رايونىغا كىرىپ چىقىدىغان يوللارنىڭ راۋان، تەرتىپلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدۇق.

  ساياھەت قىزىق نۇقتىسى بولغان شىئەندە قاتناش ساقچى تارماقلىرىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، شىئەن شەھىرىدە ھەر كۈنى سەپەرگە چىقىدىغان ئاپتوموبىل تەخمىنەن ئۈچ مىليون 200 مىڭدىن ئۈچ مىليون 500 مىڭدىن كۆپرەككە يېتىشى مۇمكىن ئىكەن. شىئەن شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى چۈجياڭ چوڭ ئەترىتى دايەنتا ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سۈي خاۋجې تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بىز توققۇز ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىنى ماسلاشتۇرۇپ، سەككىز جايدا ئاممىۋى ئاپتوبۇسدا توشۇش نۇقتىسى تەسىس قىلىپ، ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر يولنى ئېچىپ، كۆپچىلىكنىڭ سەپەرگە چىقىشىغا قولايلىق ياراتتۇق.

  تەرجىمان: پاتىگۈل مەمەت

  سېلىشتۇرغۇچى: ئىمىنجان ئىسمايىل

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جايلار 1-ماي بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى يولۇچىلار يۇقىرى پەللىسىنى كۈتۈۋالدى، قاتناش-تىرانسپورت تارماقلىرى يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىشىغا كاپالەتلىك قىلدى

«1-ماي» بايرىمى مەزگىلىدە نۇرغۇن جايلار سەپەرگە چىقىشنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى كۈتۈۋالدى. قاتناش تىرانسپورت، قاتناش ساقچىلىرى قاتارلىق تارماقلار ساياھەتچىلەرنىڭ سەپەرگە چىقىشىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن كاپالەتلىك قىلدى.