ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

گۇاڭجۇ يەرمەنكىسىنىڭ 3-قارار كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى، «گۈزەل تۇرمۇش» تاشقى سودىغا يېڭى قۇۋۋەت ئاتا قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-05-02 09:32

  135-نۆۋەتلىك گۇاڭجۇ يەرمەنكىسىنىڭ 3-قارار كۆرگەزمىسى 1-ماي باشلاندى. بۇ قېتىملىق كۆرگەزمىدە «گۈزەل تۇرمۇش» باش تېما قىلىنىپ، بازار ئېھتىياجىغا زىچ بىرلەشتۈرۈلۈپ، كۆرگەزمىگە قاتناشقان كارخانىلارنىڭ قۇرۇلمىسى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇلۇپ، سۈپىتى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈلۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك مەھسۇلاتلار ئارقىلىق تاشقى سودىغا يېڭى قۇۋۋەت ئاتا قىلدى.

  بۇ نۆۋەتلىك گۇاڭجۇ يەرمەنكىسىنىڭ 3-قارار كۆرگەزمىسىدە بەش چوڭ كەسپىي بۆلەك، 21 كۆرگەزمە رايونى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئويۇنچۇق ۋە ھامىلىدار ئاياللار، بوۋاقلار، بالىلار بۇيۇملىرى، ئائىلە توقۇلما بۇيۇملىرى، ساغلاملىق، ئىستىراھەت قاتارلىق تېمىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، كۆرگەزمىگە 11 مىڭ 495 كارخانا قاتناشتى. كۆرگەزمىگە قاتناشقان كارخانىلار تېخىمۇ ئىنچىكە، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك مەھسۇلاتلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، گۈزەل تۇرمۇش تەسىراتى يارىتىپ، تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچ قوشتى. نورۋېگىيەلىك مال سېتىۋالغۇچى سودىگەر توم رويار سورخاۋگ مۇنداق دېدى: بىز گۇاڭجۇ يەرمەنكىسىگە يېڭى مەھسۇلات ئىزدەش، بازارنىڭ يېڭى يۈزلىنىشىنى چۈشىنىش ئۈچۈن كەلدۇق. مېنىڭچە جۇڭگو كارخانىلىرى ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش جەھەتتە دۇنيا بويىچە ئالدىنقى سەۋىيەدە تۇرىدۇ، بۇمۇ بىزنىڭ بۇ يەرگە كېلىشىمىزدىكى سەۋەب.

  بۇ قېتىملىق كۆرگەزمىگە قاتناشقان كارخانىلار ئىچىدە، دۆلەت دەرىجىلىك يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلار، ياسىمىچىلىق يەككە تۈر چېمپىيون كارخانىلىرى، كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭى «كىچىك گىگانت كارخانا» دېگەن نامى بار ئەلا سۈپەتلىك، ئۆزگىچە كارخانىلار 1500 دىن ئېشىپ، ئالدىنقى نۆۋەتتىكىدىن 400 نەچچىسى كۆپەيدى، كۆرگەزمىگە قاتناشقان كارخانىلارنىڭ قۇرۇلمىسى تېخىمۇ ئەلا، سۈپىتى تېخىمۇ يۇقىرى بولدى. كۆرگەزمىگە قاتناشقان سودىگەر لىن مېيئېر مۇنداق دېدى: ھازىر 100 دىن ئارتۇق سودىگەر بىزنىڭ كۆرگەزمە ئورنىمىزغا كېلىپ ھەمكارلىق ئۈستىدە كېڭەشتى. چەتئەللىك خېرىدارلارمۇ مەھسۇلاتتا يېڭىلىق يارىتىش ۋە لايىھەلەشتە بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا بارغانسېرى كۆڭۈل بۆلۈۋاتىدۇ، بىز گۇاڭجۇ يەرمەنكىسىدىن ئىبارەت بۇ چوڭ سۇپا ئارقىلىق تېخىمۇ ياخشى سۈپەت بىلەن تاشقى سودا بازىرىنى ئاچىمىز.

  3-قارار ئىمپورت كۆرگەزمىسىدە يارقىن نۇقتىلار گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، جەمئىي 29 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 262 كارخانا كۆرگەزمىگە قاتنىشىپ، يېمەكلىك، ئائىلە توقۇلما بۇيۇملىرى، شەخسىي پەرۋىش بۇيۇملىرى، تەنتەربىيە-ئىستىراھەت بۇيۇملىرى، ئىشخانا بۇيۇملىرى، ئوقۇش قوراللىرى قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى مەركەزلىك كۆرگەزمە قىلدى. بۇ نۆۋەتلىك گۇاڭجۇ يەرمەنكىسىنىڭ 3-قارار كۆرگەزمىسى 5-مايغىچە داۋاملىشىدۇ.

  تەرجىمان: پاتىگۈل مەمەت

  سېلىشتۇرغۇچى: ئىمىنجان ئىسمايىل

中央广播电视总台 央广网 版权所有

گۇاڭجۇ يەرمەنكىسىنىڭ 3-قارار كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى، «گۈزەل تۇرمۇش» تاشقى سودىغا يېڭى قۇۋۋەت ئاتا قىلدى

135-نۆۋەتلىك گۇاڭجۇ يەرمەنكىسىنىڭ 3-قارار كۆرگەزمىسى 1-ماي باشلاندى. بۇ قېتىملىق كۆرگەزمىدە «گۈزەل تۇرمۇش» باش تېما قىلىنىپ، بازار ئېھتىياجىغا زىچ بىرلەشتۈرۈلۈپ، كۆرگەزمىگە قاتناشقان كارخانىلارنىڭ قۇرۇلمىسى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇلۇپ، سۈپىتى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈلۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك مەھسۇلاتلار ئارقىلىق تاشقى سودىغا يېڭى قۇۋۋەت ئاتا قىلدى.