ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئوشۇق بولۇۋاتقىنى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئەمەس، بەلكى غەربنىڭ تەكەببۇرلۇقى ۋە تەشۋىشلىنىشى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-05-01 08:55

يېقىندا، ئامېرىكا ۋە غەرب ئەللىرى جۇڭگودا «ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقى» مەسىلىسى مەۋجۇت دېگەننى ئارقا-ئارقىدىن كۆپتۈرۈپ، ئامېرىكىچە زومىگەرلىك، تەكەببۇرلۇق ۋە «زىيادە تەشۋىشلىنىشى»نى گەۋدىلەندۈردى. ئەمەلىيەتتە، نۇرغۇن جۇڭگو مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورت قىلىنغاندىن كېيىن، دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەت ئىستېمالچىلىرىنىڭ قارشى ئېلىشى ۋە ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى، «زاكاز» ئارقا-ئارقىدىن  كۆپەيدى. ياۋروپا، ئامېرىكا سىياسەتۋازلىرى رەڭلىك كۆزئەينەكنى ئېلىۋېتىپ، پاكىتقا ئوبيېكتىپ نەزەر بىلەن مۇئامىلە قىلىشى كېرەك. ئۇلار ئاتالمىش «ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقى»غا ئەمەس، بەلكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگو مەھسۇلاتلىرىنى ماختىشى ۋە ياقتۇرۇشنى كۆرۈپ يېتىشى كېرەك.

سىنگاپور «بىرلەشمە ئەتىگەنلىك خەۋەرلەر گېزىتى»نىڭ دىققەت قىلىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو ئاپتوموبىل كارخانىلىرى ئارقا-ئارقىدىن چەت ئەللەرگە ئورۇنلاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىشنى تەكىتلىگەن، ئامېرىكا ۋە غەربنىڭ ئاتالمىش كەسىپ «ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقى»غا بولغان ئەندىشىسىگە پەرۋا قىلمىغان.

جۇڭگونىڭ پەن تېخنىكا كارخانىسى شياۋمىنىڭ تۇنجى يېڭى نۇسخىدىكى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلى SU7 ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، رېيتېر ئاگېنتلىقى، ئامېرىكا «ۋال كوچىسى گېزىتى» قاتارلىق نۇرغۇن چەتئەل تاراتقۇلىرى بۇنىڭغا يۈكسەك دىققەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇنى «رىقابەت كۈچىگە ئىگە ئاپتوموبىل» دەپ قارىدى.

كورېيە تاراتقۇسى «كۈندىلىك ئىقتىساد» تا ئېلان قىلىنغان ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: شياۋمى توكلۇق ئاپتوموبىل ساھەسىگە يۈرۈش قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى، بازارغا سالغان SU7 نىڭ سېتىلىش مىقدارى مۆلچەردىكىدىن ئۈچ ھەسسىدىن بەش ھەسسىگىچە يۇقىرى بولدى. خەۋەردە دېيىلىشىچە، شياۋمى ئاپتوموبىلىدىن باشقا، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ توكلۇق ئاپتوموبىل ياساش كارخانىلىرىنىڭ بىرى، جۇڭگونىڭ دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن داڭلىق ئاپتوموبىل ماركىسى بىيادى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى، زىيارەت قىلغۇچىلار بۇ كارخانىنىڭ جۇڭگودىكى نۇرغۇن كۆرگەزمە سۇپىسىنى ئورۇۋالدى.

ئامېرىكا «ۋال كوچىسى گېزىتى» مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگونىڭ توكلۇق ئاپتوموبىل كەسپى تېز تەرەققىي قىلماقتا، بەزى يېڭى ئاپتوموبىل كارخانىلىرى ناھايىتى تېزلا تونۇلدى ھەمدە سۈپەت ۋە باھا جەھەتتە شۆھرەت قازاندى. بۇ تاراتقۇ: بۇ جۇڭگونىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق توكلۇق ئاپتوموبىل بازىرىنى قايتا بەرپا قىلىدۇ، ئاخىرىدا دۇنيا بازىرىنى قايتا بەرپا قىلىشى مۇمكىن، دەپ قارىدى.

سىنگاپور «بىرلەشمە ئەتىگەنلىك خەۋەرلەر گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، جۇڭگونىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىش مىقدارى ئۇدا توققۇز يىل دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان. بۇ تاراتقۇنىڭ جۇڭگو ئاپتوموبىل سانائىتى جەمئىيىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىنى نەقىل كەلتۈرۈپ ئېيتىشىچە، 2024-يىلى 1-پەسىلدە، جۇڭگونىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىش مىقدارى ئايرىم-ئايرىم 2 مىليون 115 مىڭ ۋە 2 مىليون 90 مىڭ بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم %28.2 ۋە %31.8 ئاشقان.

تەھلىل قىلىنىشىچە، جۇڭگو ئاپتوموبىل سانائىتىنىڭ دۇنياۋىلىشىش يېڭى دەۋرىگە قەدەم قويۇشىغا ئەگىشىپ، جۇڭگونىڭ يەرلىك ماركىلىرىنىڭ ئەمەلىي كۈچى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، جۇڭگو ئاپتوموبىللىرىنىڭ دۇنيا سەھنىسىگە يۈزلىنىشىمۇ بىر خىل يېڭى يۈزلىنىش بولۇپ قالغان.

ئامېرىكا «ئامېرىكا قىتئەسى پەسىللىك ژۇرنىلى»دا كۆرسىتىلىشىچە، ئەقلىي يان تېلېفون، كومپيۇتېردىن تارتىپ ئاپتوموبىل، ھەمبەھرە يەككە ئاپتوموبىل ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان قاتارلىقلارغىچە، جۇڭگونىڭ ئىستېمال بۇيۇملىرى لاتىن ئامېرىكىسى بازىرىدا پۇت تىرەپ تۇرغان، لىيەنشياڭ كومپيۇتېرى، گېلى ئېلېكتىر سايمانلىرى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى لاتىن ئامېرىكىسىدىكىلەر ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىغان جۇڭگو ماركىلىرى ھېسابلىنىدىكەن.

بىرازىلىيەدە جۇڭگو كارخانىلىرى پىششىقلاپ ئىشلىگەن يېشىل ئەقلىي ئائىلە مەھسۇلاتلىرى شۇ جايدىكى ئىستېمالچىلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى. بىرازىلىيە ئېلېكتىرون ئېلېكتىر سايمانلىرى جەمئىيىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ناسىمىنتو: جۇڭگو ياسىغان مەھسۇلاتلار تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق يېشىل مۇھىت ئاسراپ، بىرازىلىيە بازىرىدا تېخىمۇ كۈچلۈك رىقابەت كۈچىگە ئىگە بولدى، دېدى.

جۇڭگودا ئىشلەپ چىقىرىلغان ماللار ئېكسپورت قىلىنغاندىن كېيىن ياخشى باھالار ئۈزۈلمىدى، (توكلۇق ئادەملىك ئاپتوموبىل، لىتىيلىق باتارېيە، قۇياش ئېنېرگىيەلىك باتارېيە)دىن ئىبارەت «يېڭى ئۈچ خىل» مەھسۇلات دۇنيا سەھنىسىگە تېخىمۇ يۈزلەندى. ئەمما ئامېرىكا جۇڭگودا «ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقى» مەۋجۇت، جۇڭگونىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك مەھسۇلاتلىرى «دۇنيا بازىرىنى قالايمىقانلاشتۇردى»دەپ جۇڭگونى توختىماي ئەيىبلىدى ۋە ھۇجۇم قىلدى. بۇ ئەمەلىيەتتە ئامېرىكىنىڭ ئۆزىنىڭ ئىشەنچىنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى ئاشكارىلىدى.

بەزى تەھلىللەردە: نۆۋەتتە، يېڭى ئېنېرگىيەگە ئالاقىدار ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى بازار ئېھتىياجىنى قاندۇرالمايۋاتىدۇ، بولۇپمۇ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ يېڭى ئېنېرگىيە مەھسۇلاتلىرىغا بولغان ئېھتىياجى غايەت زور، دەپ كۆرسىتىلدى.

يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنى مىسالغا ئالساق، خەلقئارا ئېنېرگىيە مەھكىمىسىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، 2030-يىلى يەر شارى بويىچە يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلغا بولغان ئېھتىياج 45 مىليونغا، يورۇقلۇق ۋولت گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىغا بولغان ئېھتىياج 820 گىگاۋاتقا يېتىدىكەن، بۇ ئايرىم-ئايرىم ھالدا 2022-يىلىدىكىنىڭ 4.5 ھەسسىسى ۋە 4 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىكەن.

جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن يېقىندا بەزى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ جۇڭگودا «ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقى» مەسىلىسى مەۋجۇت دەپ ئارقا-ئارقىدىن ئەيىبلىشىگە  قارىتا مۇنداق دېدى: ئاتالمىش جۇڭگودا «ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقى» مەۋجۇت دېگەن سەپسەتە پەقەت قورۇقچىلىققا باھانە تېپىپ، جۇڭگونىڭ توكلۇق ئاپتوموبىللىرى قاتارلىق يېڭى ئېنېرگىيەلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئېكسپورتىنى چەكلەشنى مەقسەت قىلىدۇ.

ۋاڭ ۋېنبىن مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت تۈپ دۆلەت سىياسىتىدە چىڭ تۇرىدۇ، ھەر قايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە ئادىل رىقابەتتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، تەڭ پايدا ئېلىشنى خالايدۇ. ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ ئوچۇق پوزىتسىيە تۇتۇپ، بازار ئىگىلىكى پىرىنسىپى ۋە خەلقئارا ئىقتىساد-سودا قائىدىسىگە ھەقىقىي رىئايە قىلىپ، جۇڭگو كارخانىلىرىنى ئادىل، ئاشكارا، ئېچىۋېتىلگەن، كەمسىتمەيدىغان تىجارەت-سودا مۇھىتى بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
       سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئوشۇق بولۇۋاتقىنى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئەمەس، بەلكى غەربنىڭ تەكەببۇرلۇقى ۋە تەشۋىشلىنىشى

يېقىندا، ئامېرىكا ۋە غەرب ئەللىرى جۇڭگودا «ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقى» مەسىلىسى مەۋجۇت دېگەننى ئارقا-ئارقىدىن كۆپتۈرۈپ، ئامېرىكىچە زومىگەرلىك، تەكەببۇرلۇق ۋە «زىيادە تەشۋىشلىنىشى»نى گەۋدىلەندۈردى. ئەمەلىيەتتە، نۇرغۇن جۇڭگو مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورت قىلىنغاندىن كېيىن، دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەت ئىستېمالچىلىرىنىڭ قارشى ئېلىشى ۋە ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى،