ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئامېرىكا «ئوت ئۈستىگە ياغ قۇيۇپ» رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇش ئوتىنى ئۇلغايتىۋەتتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-05-01 09:07

تاشلىنىپ قالغىنىغا بىر نەچچە ئاي بولغان سىرتقا ياردەم بېرىشكە پۇل ئاجرىتىش قانۇن لايىھەسىنىڭ يېقىندا ئامېرىكا پارلامېنتىدا ماقۇللىنىشىغا ئەگىشىپ، بايدىن ھۆكۈمىتى ئۇكرائىنانى يېڭى ھەربىي ياردەم بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى. تەھلىلچىلەر ئامېرىكىنىڭ ياردەمنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى ئۇكرائىنا جەڭ مەيدانىدا دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقنى بەلگىلىك دەرىجىدە پەسەيتىدۇ، دەپ قارىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ خىل «ئوت ئۈستىگە ياغ قۇيۇش» تەدبىرى رايون ۋەزىيىتىنى كەسكىنلەشتۈرۈپ، رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش ئوتىنى بارغانسېرى ئۇلغايتىۋېتىدۇ.

ھەربىي ياردەمنىڭ رولىنى كۆزىتىشكە توغرا كېلىدۇ

ئامېرىكا پارلامېنتى كېڭەش پالاتاسى 23-ئاپرېل ئومۇمىي سوممىسى 95 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق سىرتقا ياردەم بېرىشكە پۇل ئاجرىتىش قانۇن لايىھەسىنى ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللىدى، بۇنىڭ ئىچىدە 60 مىليارد 840 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئۇكرائىناغا ياردەم بېرىشكە ئىشلىتىلىدۇ. ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بايدىن  24-ئاپرېل بۇ قانۇن لايىھەسىگە ئىمزا قويدى ھەمدە مەمۇرىي ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈپ، ئۇكرائىناغا ياردەم بېرىدىغان بىر مىليارد ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدىكى بىر تۈركۈم قوراللارنى تەستىقلىدى، بۇ كۆپ خىل ئوق-دورا ۋە ئۇرۇش ماشىنىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ بىر تۈركۈم قوراللار ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئىسكىلاتىدا ساقلانغان، مۆلچەرلىنىشىچە، ئۇكرائىناغا تېز يەتكۈزۈلىدىكەن.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 26-ئاپرېل ئۇكرائىناغا 6 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدىكى نورمىدىن سىرت خەۋپسىزلىك ياردىمى بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى، بۇ «ۋەتەنپەرۋەر» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسى ۋە «دۆلەتنىڭ ئىلغار يەردىن ھاۋاغا قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى»غا ماس كېلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھەمدە ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ ھازىرقى ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى بىلەن غەربنىڭ ياردەم بېرىش سىستېمىسىنى بىرلەشتۈرىدىغان ئەسلىھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. ئۇكرائىناغا ياردەم قىلىنىدىغان بۇ قوراللارنى ئامېرىكىدىكى قورال-ياراغ ياساش سودىگەرلىرىدىن سېتىۋېلىشقا توغرا كەلگەچكە، مۆلچەرلىنىشچە نەچچە ئاي ھەتتا نەچچە يىلدىن كېيىن ئاندىن تاپشۇرغىلى بولىدىكەن.

بۇ يىل 2-ئايدا رۇسىيە ئارمىيەسى ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى مۇھىم شەھەر ئافدېيېۋكانى تارتىۋالغاندىن كېيىن، ئالدىنقى سەپ ۋەزىيىتى رۇسىيە ئارمىيەسىگە پايدىلىق يۆنىلىشكە قاراپ ئۆزگەردى. ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى زېلېنسكى ۋە قوراللىق قىسىمنىڭ باش قوماندانى سېرسكى قاتارلىق يۇقىرى قاتلامدىكىلەر تاراتقۇلارغا ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ ئېغىر قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئامېرىكىنىڭ ياردەم پۇل ئاجرىتىش قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتىۋاتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

گەرچە ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ياردەمنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى ئۇكرائىنانى بىر ئاز خاتىرجەم قىلغان بولسىمۇ، لېكىن سىرتقا ياردەم بېرىشكە پۇل ئاجرىتىش قانۇن لايىھەسىدىكى ئۇكرائىناغا ياردەم بېرىش مەبلىغىنىڭ كۆپ قىسمى ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي ھازىرلىقلىرىنى تولۇقلاشقا ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىكى ئىتتىپاقداشلىرىغا ياردەم بېرىشكە ھەمدە ئۇكرائىناغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىشكە ئىشلىتىلىدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئامېرىكا ھەربىي سانائەت كارخانىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى چەكلىك بولغاچقا، ئۇكرائىناغا ياردەم بېرىدىغان نۇرغۇن قوراللارنىڭ تاپشۇرۇلۇشى ئاستا بولماقتا، ئامېرىكىنىڭ بۇ تۈركۈمدىكى ياردىمى ئۇكرائىنانىڭ ئۇرۇش ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتەلەمدۇ يوق؟ بۇنى كۆزىتىشكە توغرا كېلىدۇ.

رۇسىيە زۇڭتۇڭىنىڭ ئاخبارات كاتىپى پېسكوف ئامېرىكىنىڭ ئۇكرائىناغا بەرگەن يېڭى بىر نۆۋەتلىك ياردىمى ئۇرۇش مەيدانىدىكى ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ، دېدى. رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسى دۇنيا ئىقتىسادى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت تەتقىقاتخانىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئىليا كرامنىك مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك ياردىمىنىڭ ئاز بىر قىسمىلا ئۇكرائىناغا بىۋاسىتە يەتكۈزۈلىدۇ، بۇنىڭ ئۇكرائىنانىڭ ئۇرۇش ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتىشىگە بولغان ياردىمى ئىنتايىن چەكلىك. رۇسىيە ھەربىي ئىشلار مۇتەخەسسىسى ئالېكساندىر مىخايلوف مۇنداق دەپ قارىدى: ئامېرىكىنىڭ ياردىمى ئۇكرائىنانى «ۋەزىيەت ئۆزگىرىدۇ» دەيدىغان ئۈمىدكە ئىگە قىلسىمۇ، لېكىن ئۇرۇش مەيدانىدىكى ۋەزىيەت ئەمەلىيەتتە «رۇسىيەگە يەنىلا پايدىلىق».

ئۇرۇش ئوتى ئۇل ئەسلىھەلىرىگىچە يامرىدى

تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېقىندىن بۇيان رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىشى ئامېرىكىنىڭ ئۇكرائىناغا ياردەم بېرىشكە پۇل ئاجرىتىش قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللاشقا ئالدىرىشىدىكى مۇھىم سەۋەب. رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 27-ئاپرېل ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: 20-ئاپرېلدىن 27-ئاپرېلغىچە، رۇسىيە ئارمىيەسى خاركوف، دونېسىك، زاپوروژې قاتارلىق كۆپلىگەن جايلاردا ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ ھۇجۇمىنى چېكىندۈرۈپ، نۇرغۇن ئاھالىلەر رايونىنى تارتىۋالدى ھەمدە تېخىمۇ پايدىلىق بازىلارنى ئىگىلىدى. بىراق، رۇسىيە قورال-ياراق جەھەتتە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇكرائىنا ئارمىيەسى مۇستەھكەم ئىستىھكامغا تايىنىپ مۇداپىئەگە ئۆتتى، شۇڭا رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ زور بۆسۈش ھاسىل قىلىشى ئاسان ئىش ئەمەس. جەڭ مەيدانىدىكى كەسكىن ئۇرۇشتا، رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا يېقىندا قارشى تەرەپنىڭ ئېنېرگىيە، ھەربىي سانائەت قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلىرىگە زەربە بېرىشنى مۇھىم نۇقتا قىلدى، بۇ توقۇنۇش دائىرىسىنىڭ داۋاملىق كېڭىيىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى شويىگۇ 23-ئاپرېل مۇنداق دېدى: رۇسىيە ئارمىيەسى ئۇكرائىنا چېگراسى ئىچىدىكى غەربنىڭ قۇرال ئەشيا مەركىزى، زاپاس ساقلاش بازىسىغا زەربە بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ رۇسىيەگە ئېلىپ كەلگەن تەھدىتىگە تاقابىل تۇرىدۇ. رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ 27-ئاپرېل ئېلان قىلغان خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيە ئارمىيەسى ئۆتكەن بىر ھەپتىدە «خەنجەر» ناملىق ئاۋازدىن تېز ئۇچىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان قاتارلىقلارنى ئىشلىتىپ، ئۇكرائىنانىڭ ئېنېرگىيە سانائەت ئەسلىھەلىرى، ھەربىي سانائەت ئۇنىۋېرسال گەۋدىسى، تۆمۈر يول ئەسلىھەلىرى، ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى، قورال-ياراغ ئامبىرى، يېقىلغۇ ئامبىرى، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ۋە ئۇچقۇچىسىز پاراخوت ئىشلەپچىقىرىش، رېمونت قىلىش سېخى قاتارلىق نىشانلارغا زەربە بەرگەن. 26-ئاپرېل يېرىم كېچىدىن 27-ئاپرېل سەھەرگىچە، ئۇكرائىنادىكى ئەڭ چوڭ خۇسۇسىي ئېنېرگىيە كارخانىسى دونباس يېقىلغۇ ۋە ئېنېرگىيە شىركىتى قارمىقىدىكى تۆت ئوت ئېلېكتىر ئىستانسىسى رۇسىيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنىڭ ھۇجۇمىدا ئېغىر زىيانغا ئۇچرىدى.
ئۇكرائىنادا چىقىدىغان «ئۇكرائىنا ھەقىقەت گېزىتى»نىڭ 24-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: ئۇكرائىنا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن رۇسىيە نېفىت شىركىتىنىڭ سمولېنسكى ئوبلاستىدىكى ئىككى ماي ئىسكىلاتىغا ھۇجۇم قىلدى، ھۇجۇمدا ماي ئىسكىلاتىنىڭ ئەسلىھەلىرىگە ئوت كەتتى. ئۇكرائىنا دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى رۇسىيەنىڭ ئېنېرگىيە ئەسلىھەلىرى رۇسىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ۋە رۇسىيە ئارمىيەسىنى مەدەتكە ئىگە قىلىدۇ، بۇ ئۇكرائىنانىڭ «قانۇنلۇق» زەربە بېرىش نىشانى، ئۇكرائىنا مۇشۇنداق ئەسلىھەلەرگە داۋاملىق ھۇجۇم قىلىدۇ. دېدى.

بۇنىڭدىن كەلگۈسى بىر مەزگىلدە رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا قارشى تەرەپنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىگە داۋاملىق زەربە بېرىدىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. بولۇپمۇ ئامېرىكا ۋە غەرب ئەللىرىنىڭ ئۇكرائىنانى تېخىمۇ يىراق مۇساپىلىك توغرا زەربە بېرىش قورالى بىلەن تەمىنلىشىگە ئەگىشىپ، ئۇكرائىنانىڭ رۇسىيە چېگراسى ئىچىدىكى نىشانلارغا زەربە بېرىش دائىرىسى يەنىمۇ كېڭىيىدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا، رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ 4-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىكى بىر قېتىملىق قەرەللىك ئۇقتۇرۇشىدا «شىمال» جىتۈەنجۈنى تۇنجى قېتىم تىلغا ئېلىندى، بۇ سىرتنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. بىر قىسىم تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ بۇ جىتۈەنجۈننى يېڭىدىن ئورۇنلاشتۇرۇشى رۇسىيە-ئۇكرائىنا چېگراسىنىڭ رۇسىيە تەرىپىدىكى بريانسك، كۇرسك ۋە بېلگورود قاتارلىق ئوبلاستلارنىڭ مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىپ، ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ يىراق مۇساپىلىك قۇرال ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنىڭ بۇ رايونلارغا داۋاملىق ھۇجۇم قىلىشىنى توسۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. يەنە بەزى كۆزەتكۈچىلەر: ھاۋانىڭ ئىللىشىغا ئەگىشىپ، رۇسىيە ئارمىيەسى تېخىمۇ كەسكىن ھۇجۇمغا تەييارلىق قىلىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن، «شىمال» جىتۈەنجۈنى مەسئۇل رايون_ ئۇكرائىنانىڭ چېرنىگوۋ، خاركوۋ ۋە سۇمېي ئوبلاستىنىڭ قارشى تەرىپىدە بولۇپ، بۇ جايلار رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھۇجۇمدىكى ئاساسلىق نىشان بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارىدى.

تەرجىمان: مېھرىگۈل خۇدابەردى
سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئامېرىكا «ئوت ئۈستىگە ياغ قۇيۇپ» رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇش ئوتىنى ئۇلغايتىۋەتتى

تاشلىنىپ قالغىنىغا بىر نەچچە ئاي بولغان سىرتقا ياردەم بېرىشكە پۇل ئاجرىتىش قانۇن لايىھەسىنىڭ يېقىندا ئامېرىكا پارلامېنتىدا ماقۇللىنىشىغا ئەگىشىپ، بايدىن ھۆكۈمىتى ئۇكرائىنانى يېڭى ھەربىي ياردەم بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى.