ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

خەنزۇ تىلى ئۆگىنىش، ئافغانىستانلىق ئوقۇغۇچىلارغا تەرەققىيات يېڭى پۇرسىتى يارىتىپ بەردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-05-02 08:22

ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدىكى بىر خۇسۇسىي مەكتەپتە خەنزۇ تىلى ئوقۇتقۇچىسى خورسىنىيە رىزايى دەرس مۇنبىرىدە ئوقۇغۇچىلارغا خەنزۇچە خەت بۇشۇلىرىنىڭ مەنىسىنى سەۋرچانلىق بىلەن چۈشەندۈرمەكتە. سىنىپتىكى ئافغانىستانلىق ئوقۇغۇچىلار پۈتۈن دىققىتى بىلەن ئاڭلىدى، ئۇلار خەنزۇچە خەت مەدەنىيىتىگە مەپتۇن بولۇپلا قالماي، خەنزۇ تىلىنى ئۆگىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىدىن تېخىمۇ خۇشال بولدى.

رىزايى 2014-يىلى كابۇل داشۆسىنىڭ كۇڭزى شۆيۈەنىگە كىرىپ خەنزۇ تىلى ئۆگەنگەن، 2-يىلى تەييۈەن تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى داشۆسىغا بېرىپ تولۇق كۇرس ئوقۇغان. 2019-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئۇ ئافغانىستانغا قايتىپ كېلىپ، خەزۇ تىلى ئوقۇتقۇچىسى بولغان، بوش ۋاقىتلىرىدا قوشۇمچە تەرجىمان بولغان. رىزايى: جۇڭگوغا بېرىپ ئوقۇماقچى ياكى سودا قىلماقچى بولغان كىشىلەرنىڭ خەنزۇ تىلى ئۆگىنىشىگە ياردەم بېرىش مېنى ناھايىتى زور مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسىغا ئىگە قىلدى، دېدى.

كابۇل داشۆسى كۇڭزى شۆيۈەنى 2008-يىلى 1-ئايدا قۇرۇلغاندىن بۇيان، رىزايىغا ئوخشاش نۇرغۇن مۇنەۋۋەر خەنزۇ تىلى ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلىدى. ئۇلار ئوقۇشنى تاماملىغاندىن كېيىن، مەدەنىيەت، تاشقى سودا قاتارلىق ساھەلەردە، جۇڭگو بىلەن ئافغانىستاننىڭ دوستلۇق ئالاقىسى ۋە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇش ئۈچۈن ھەسسە قوشتى. جۇڭگونىڭ ھەمكارلىق داشۆسى بولغان تەييۈەن تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى داشۆسى كابۇل داشۆسى كۇڭزى شۆيۈەنى ئۈچۈن نۇرغۇن مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلارنى يېتىشتۈرۈپ بەردى، شۇنداقلا جۇڭگوغا ئوقۇشقا بارغان ئافغانىستانلىق نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلارنىمۇ قوبۇل قىلدى. فارزاد فارخاد بۇلارنىڭ بىرى.
فارزاد فارخاد 2020-يىلى 6-ئايدا تەييۈەن تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى داشۆسىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، جۇڭگودا قېلىپ ئىگىلىك تىكلەپ، ئىمپورت-ئېكسپورت سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىشنى تاللىدى. يېقىندا ئۇ جېجياڭ، شەندۇڭ، گۇاڭدۇڭ قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، جۇڭگونىڭ ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرىنى چەت ئەلگە ئېكسپورت قىلىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ياسىغان مەھسۇلاتلارنىڭ سۈپىتى ناھايىتى ياخشى، بۇنىڭ ئارقىسىدا ناھايىتى زور سودا پۇرسىتى بار.

فارزاد فارخاد چەتئەللىك خېرىدارلارنىڭ جۇڭگو مەھسۇلاتلىرىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشى ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىنى قۇرۇپ، ھەر بىر مەھسۇلاتنى باھالاش ۋىدىيوسى ئارقىلىق خېرىدارلارنىڭ مەھسۇلات ئىقتىدارى ۋە ئەۋزەللىكىنى بىۋاسىتە، تەپسىلىي چۈشىنىشىگە قولايلىق ياراتتى. ئىگىلىك تىكلىگەن دەسلەپكى بىر نەچچە ئايدا، ئۇنىڭ سۇپىسىغا 20 نەچچە جۇڭگو كارخانىسى ماكانلىشىپ، بىر مىليوندىن ئارتۇق چەت ئەللىك ئەگەشكۈچىلەرنى جەلپ قىلدى.
ئىلگىرى فارزاد فارخادنى ئۆيگە قايتىشقا نەسىھەت قىلغان ئاتا- ئانىسى ھازىر ئۇنىڭ تۇرمۇشىدىن ئەنسىرىمەيدىغان بولدى. تېخى 27 ياشقا كىرمىگەن بۇ يىگىت جۇڭگودا سودا قىلىش رىتىمىغا كۆنۈپ قالدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە جۇڭگودا ئىگىلىك تىكلەش تەسىراتىدىن بەھرىمەن بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئىگىلىك تىكلەش كەچۈرمىشىم ھاياتىمدىكى ئەڭ قىممەتلىك بايلىق. ھازىر مەن ناھايىتى ياخشى باشلىنىشقا ئىگە بولدۇم، كەلگۈسىدە داۋاملىق تىرىشىپ كۈرەش قىلىمەن.

كابۇل داشۆسى كۇڭزى شۆيۈەنىنىڭ جۇڭگو تەرەپ مۇدىرى ۋېي گوچياڭ ئافغانىستانلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىدىن ئىنتايىن پەخىرلەندى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئۆز ئارا چۈشىنىشى، ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن شۆيۈەنىمىز كەلگۈسىدە ئافغانىستاننىڭ غەربى، جەنۇبى قاتارلىق تېخىمۇ كۆپ جايلاردا خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇش نۇقتىلىرىنى كۆپەيتىپ تەسىس قىلىدۇ شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئافغانىستانلىق ياشلارنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ ئۆگىنىشىگە ياردەم بېرىدۇ.

ۋېي گوچياڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھازىرغا قەدەر، كابۇل داشۆسى كۇڭزى شۆيۈەنى جەمئىي 739 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلدى، تولۇق كۇرسنى پۈتتۈرگەن 356 ئوقۇغۇچىنى تەربىيەلەپ چىقتى، بۇنىڭ ئىچىدە 238 ئوقۇغۇچى كابۇل داشۆسىنىڭ ئىلمىي ئۇنۋان گۇۋاھنامىسىغا ئېرىشتى، 118 ئوقۇغۇچى تەييۈەن تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى داشۆسىنىڭ جەنۇبىي ئاسىيا ئوقۇتقۇچىلار سىنىپى گۇۋاھنامىسىغا ئېرىشتى. بۇنىڭدىن باشقا، كۇڭزى شۆيۇەنى ۋە ئۇنىڭ قارمىقىدىكى ئوقۇتۇش نۇقتىلىرىدا ئېچىلغان قىسقا مۇددەتلىك تەربىيەلەش كۇرسلىرىدا تەربىيەلەنگەن كۇرسانتلار تەخمىنەن 5600 ئادەم (قېتىم) يەتتى.

كابۇل داشۆسى كۇڭزى شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى خەمىد غولام مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نۆۋەتتە كابۇل داشۆسى كۇڭزى شۆيۈەنى ھەر يىلى تەخمىنەن 50 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ. جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشى ئافغانىستانلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇ تىلىنى قىزىقىپ ئۆگىنىشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى، ئافغانىستانلىق نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار جۇڭگو مەبلىغى كارخانىلىرىدا ئىشلەشنى ياكى خەنزۇ تىلى بىلىش ئارتۇقچىلىقىدىن پايدىلىنىپ ئىگىلىك تىكلەشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

خەمىد غولام مۇنداق دېدى: بىز ئافغانىستانلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن جۇڭگو مەبلىغى كارخانىلاردا ئىشقا ئورۇنلاشقانلىقى ياكى جۇڭگوغا بېرىپ بىلىم ئاشۇرۇپ تەرەققىي قىلغانلىقىنى كۆرۈپ ئىنتايىن خۇشال بولدۇق. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇش تەشەببۇسى نۇرغۇن دۆلەتلەرگە تەرەققىيات پۇرسىتى ئېلىپ كەلدى، خەنزۇ تىلى ئىختىساسلىقلىرىنىڭ ئەۋزەللىكى روشەنلەشمەكتە.

تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا

سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

خەنزۇ تىلى ئۆگىنىش، ئافغانىستانلىق ئوقۇغۇچىلارغا تەرەققىيات يېڭى پۇرسىتى يارىتىپ بەردى

ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدىكى بىر خۇسۇسىي مەكتەپتە خەنزۇ تىلى ئوقۇتقۇچىسى خورسىنىيە رىزايى دەرس مۇنبىرىدە ئوقۇغۇچىلارغا خەنزۇچە خەت بۇشۇلىرىنىڭ مەنىسىنى سەۋرچانلىق بىلەن چۈشەندۈرمەكتە. سىنىپتىكى ئافغانىستانلىق ئوقۇغۇچىلار پۈتۈن دىققىتى بىلەن ئاڭلىدى، ئۇلار خەنزۇچە خەت مەدەنىيىتىگە مەپتۇن بولۇپلا قالماي، خەنزۇ تىلىنى ئۆگىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىدىن تېخىمۇ خۇشال بولدى.