ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئافرىقا دۆلەتلىرى غەربتىن نېمە ئۈچۈن تۇرۇشلۇق ئارمىيەسىنى چېكىندۈرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ؟

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-05-02 08:25

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى يېقىندا چاد ۋە نېگىردىن كۆپ قىسىم ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئافرىقىدىكى بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆتكۈنچى ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئامېرىكا ئارمىيەسىدىن چېكىنىشىنى ئارقا-ئارقىدىن تەلەپ قىلغان ئىدى. بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا فىرانسىيە نىگىردىن ئەڭ ئاخىرقى بىر تۈركۈم ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈردى.

ئۆتكەن ئون يىلدا، ئامېرىكا بىلەن فىرانسىيە «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، ئافرىقىنىڭ ساھېل رايونىدا ئەسكەر تۇرغۇزدى، لېكىن شۇ جايدىكى تېررورلۇق تەھدىتى بارغانسېرى كۈچەيدى. تېخىمۇ كۆپ ئافرىقا خەلقى غەربنىڭ ئەسكەر تۇرغۇزۇشنى ۋاسىتە قىلىپ، ئافرىقا دۆلەتلىرىدە ئىچكى ئىشلارغا ئارىلىشىپ، بايلىق شىلىۋېلىپ، شەخسىي مەنپەئەتنى كۆزلەيدىغانلىقىنى ئېنىق تونۇپ يەتتى. تەھلىلچىلەر: ئامېرىكا ۋە فىرانسىيەدىن تۇرۇشلۇق ئەسكەرنى چېكىندۈرۈشنى تەلەپ قىلىشى دەل غەربنىڭ «يېڭى مۇستەملىكىچىلىكى»نىڭ ئافرىقا خەلق ئاممىسىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، دېدى.

غەربنىڭ تۇرۇشلۇق ئارمىيەسى قوغلاپ چىقىرىلدى

ئامېرىكىنىڭ چادتا تەخمىنەن 100 ئەسكىرى بار بولۇپ، پايتەخت نجامېنا ئەتراپىدىكى بىر ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا ئورۇنلاشقان. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، چاد ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئىشتاب باشلىقى 4-ئاينىڭ بېشىدا چاد ئۆتكۈنچى ھۆكۈمىتىگە خەت يېزىپ مۇنداق دېگەن: ئامېرىكا ئۆزىنىڭ چادتا ئەسكەر تۇرغۇزۇشىنىڭ «مۇۋاپىقلىقى»نى ئىسپاتلايدىغان كېلىشىم ھۆججىتى بىلەن تەمىنلىيەلمىدى، شۇڭا ئامېرىكىدىن ئەسكەر تۇرغۇزۇشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلىش كېرەك. ئامېرىكا «نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتى»نىڭ بىر ئامېرىكا ئەمەلدارىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، چادتا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسى ئالاھىدە قىسمىنىڭ 75 خادىمى ناھايىتى تېزلا چېكىنىدىكەن.
ئامېرىكىنىڭ نىگېردا ئەسكەر تۇرغۇزۇشى 2013-يىلى باشلانغان بولۇپ، بۇ دۆلەتتە ئىككى ھەربىي بازىسى بار، مىڭدىن ئارتۇق ھەربىي ئورۇنلاشتۇرۇلغان. نىگېر ئۆتكۈنچى ھۆكۈمىتى بۇ يىل 3-ئايدا ئامېرىكا بىلەن بولغان ھەربىي ھەمكارلىق كېلىشىمىنى توختىتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى، چۈنكى بۇ كېلىشىمنى ئامېرىكا زورلاپ تاڭغان. ئىككى تەرەپ يېقىندا ئەسكەر چېكىندۈرۈش ئىشىنى مۇزاكىرە قىلىشقا باشلىدى.

ئامېرىكىنىڭ يۇقىرىقى ئىككى دۆلەتتە ئەسكەر تۇرغۇزۇشى نامدا قىسىمنى مەشىقلەندۈرۈپ، شۇ جايدىكى ئەسەبىي تەشكىلاتلارغا زەربە بېرىشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئامېرىكا ئىشتاب باشلىقلىرى بىرلەشمە كېڭىشىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى كىرىستوفېر گېرېدى يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: ئەگەر ئىككى دۆلەت ئەڭ ئاخىرى ئامېرىكىنىڭ ئەسكەر تۇرغۇزۇشىغا يول قويماسلىقنى قارار قىلسا، ئامېرىكا ساھېل رايونىدا «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىش»نىڭ ئورنىغا دەسسىتىلىدىغان لايىھەنى ئىزدەشكە مەجبۇر بولىدۇ، دېدى.

ئوخشاشلا ئافرىقا دۆلەتلىرى ئەسكەر چېكىندۈرۈشنى تەلەپ قىلغانلاردىن يەنە فىرانسىيەمۇ بار. فىرانسىيە 2014-يىلى ساھېل رايونىدا «يېڭى ئاي شەكىللىك بارخان» ناملىق تېررورلۇققا قارشى ھەربىي ھەرىكىتىنى باشلاپ، بۇركىنا فاسو، چاد، مالى، ماۋرىتانىيە ۋە نېگىرغا جەمئىي نەچچە مىڭ ھەربىي ئەۋەتتى. مالى، بۇركىنا فاسو، نىگېردا ئايرىم-ئايرىم ھالدا 2020-يىلى، 2022-يىلى، 2023-يىلى ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش يۈز بەردى، ئۈچ دۆلەتنىڭ ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەتلىرى بىردەك فىرانسىيەدىن ئەسكەر چېكىندۈرۈشنى تەلەپ قىلدى. 2022- يىلىدىن ئۆتكەن يىلى 12-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، فىرانسىيە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ بۇ ئۈچ دۆلەتتىن پۈتۈنلەي ئەسكەر چېكىندۈردى.

«قانچە قارشى تۇرغانسېرى شۇنچە قالايمىقانلىشىپ كېتىش» نارازىلىق قوزغىدى

ئامېرىكا بىلەن فىرانسىيە «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» نامى بىلەن ئافرىقا دۆلەتلىرىدە قوشۇن تۇرغۇزدى، ئەمما شۇ جايدا تېخىمۇ كۆپ ئۇرۇش مالىمانچىلىقى توقۇنۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، ئۇلارنىڭ ئىچكى ئىشلارغا ئارىلىشىش قىلمىشى ئالاقىدار دۆلەتلەردىكى خەلق ئاممىسىنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىدى. 4-ئاينىڭ 13-كۈنى، نىگېردىكى نەچچە مىڭ خەلق ئاممىسى پايتەخت نىئامېيدا نامايىش قىلىپ، ئامېرىكىدىن دەرھال ئەسكەر چېكىندۈرۈشنى تەلەپ قىلدى. 4-ئاينىڭ 21-كۈنى، ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيە بازىسى تۇرۇشلۇق نېگىرنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى ئاگادېز شەھىرىدە ئېتىراز بىلدۈرۈش ھەرىكىتى پارتلىدى، مىڭدىن ئارتۇق خەلق ئاممىسى كوچىغا چىقىپ، ئامېرىكىدىن ئەسكەر چېكىندۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

كامېروننىڭ سىياسىي مەسىلىلەر مۇتەخەسسىسى مايكول ئېندىمانچوۋ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا بىلەن فىرانسىيە «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ نىگېر، چاد قاتارلىق دۆلەتلەردە ئەسكەر تۇرغۇزۇشى ئەكسىچە «ئۇرۇش مالىمانچىلىقى ۋە توقۇنۇشنىڭ ئەۋج ئېلىشىغا سەۋەبچى بولدى». تېررورچىلار ئامېرىكا ئارمىيەسى ۋە فىرانسىيە ئارمىيەسى تۇرۇشلۇق رايوندا پۇقرالارغا داۋاملىق ھۇجۇم قىلدى. بۇ قوشۇننىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ ئەھمىيىتى قەيەردە؟ قىلچە پايدىسى يوق!

جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى غەربىي ئاسىيا، ئافرىقا تەتقىقاتخانىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى خې ۋېنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئامېرىكا بىلەن فىرانسىيەنىڭ ساھېل رايونىدا «تېررورلۇققا قارشى تۇرغانلىقىغا» ئون يىل بولدى، نەتىجىدە «قانچە قارشى تۇرغانسېرى شۇنچە قالايمىقانلىشىپ كەتتى، قانچە قارشى تۇرغانسېرى شۇنچە نامراتلىشىپ كەتتى». ئۇلار بىخەتەرلىك ۋە ئىقتىساد جەھەتتە مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەر بىلەن باراۋەر، ئۈنۈملۈك ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرمىدى، يەنە دۆلەت ئىچىدىكى سىياسىي دىپلوماتىيەگە كۆپ قېتىم ئارىلىشىپ، بۇ دۆلەتلەردىكى خەلق ئاممىسىنىڭ ئەسكەر تۇرغۇزۇشقا قارشى تۇرۇش كەيپىياتىنى كۈچەيتىۋەتتى.

نېگىرنىڭ مەخسۇس سەھىپە يازغۇچىسى ئابدۇللا شىسوكو مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئامېرىكىنىڭ نىشانى قوراللىق تەشكىلاتقا زەربە بېرىشكە ياردەم بېرىش ئەمەس، بەلكى بۇ رايونغا بولغان كونتروللۇقىنى ساقلاش. نىگېر ئاممىۋى پىكىرى: ئامېرىكا بىلەن فىرانسىيەنىڭ ئافرىقىدا ئەسكەر تۇرغۇزۇشتىكى ھەقىقىي مەقسىتىنىڭ بىرى، نېگىرنىڭ مول ئۇران كانى ھەمدە ئافرىقىدىكى بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ نېفىت ۋە كان بايلىقىنى كونترول قىلىشقا ئۇرۇنۇش، دەپ ھېسابلىدى.

ئافرىقىنىڭ ئويغىنىشى ئومۇمىي يۈزلىنىشكە ئايلاندى

ئافرىقىدىكى مۇتلەق كۆپ ساندىكى دۆلەتلەر ئىلگىرى غەربنىڭ مۇستەملىكىسى بولۇپ، تارىختا غەربنىڭ قۇل قىلىشى ۋە تالان-تاراج قىلىشىغا يەتكۈچە ئۇچرىغان، بۈگۈنكى كۈندە يەنىلا ئىقتىساد قاتارلىق ساھەلەردە غەربنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچراۋاتىدۇ. نۇرغۇن ئافرىقا دۆلەتلىرىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، غەرب ئىزچىل بايلىقى مول بۇ چوڭ قۇرۇقلۇقنى كونترول قىلىشقا ئۇرۇنۇپ كەلدى، غەربنىڭ ياردىمى ئافرىقىغا مۇقىملىق ۋە تەرەققىيات ئېلىپ كېلەلمەيلا قالماستىن، ئۇنىڭ ھەر خىل نامۇۋاپىق قوشۇمچە شەرتلىرى ئەكسىچە ئافرىقىنى چۈشەپ قويىدىغان كىشەنگە ئايلىنىپ قالدى. ئافرىقا دۆلەتلىرى ۋە خەلقى بۇنى بارغانسېرى قوبۇل قىلالمىدى.

ئامېرىكا بىلەن فىرانسىيەدىن ئەسكەر چېكىندۈرۈش تەلەپ قىلىندى، بۇ ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ غەربنىڭ «يېڭى مۇستەملىكىچىلىكى»گە قارشى تۇرۇپ، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشقا ئىنتىلىپ، ھەقىقىي ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، تەڭ پايدا ئالىدىغان ھەمكارلىق ئۈستىدە ئىزدىنىشتەك ئويغىنىش ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى.

مالى ئاقىللار ئامبىرى يەنباتۇك ساھېل ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى جى تەييې مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئامېرىكا، فىرانسىيە قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرى رايون بىخەتەرلىكى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىيات جەھەتتە ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ھەمكارلاشمىدى، بۇ كىشىلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك قارىشىنى چوڭقۇرلاشتۇردى، يەنى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئافرىقىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى «مۇستەملىكە مەنپەئەتىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش، ئافرىقا مەنپەئەتىنى ئىككىنچى ئورۇنغا قويۇشتەك كونا مۇستەملىكە ئەندىزىسىنىڭ داۋامى».

كامېرون بۇئېئا داشۆسى جەمئىيەت ۋە باشقۇرۇش ئىلىمى شۆيۈەنىنىڭ مۇدىرى ئېمانۇئېل يانشو ۋۇبو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكىدىن ئەسكەر چېكىندۈرۈشنى تەلەپ قىلىش ئافرىقا خەلقىنىڭ غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئىچكى ئىشلارغا ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدۇ. غەرب يولغا قويغان «يېڭى مۇستەملىكىچىلىك» ئافرىقا خەلقىنى داۋاملىق «ئىككىنچى دەرىجىلىك پۇقرا» قىلىۋېلىشقا ئۇرۇنغانلىق، ئافرىقا خەلقى بۇنىڭدىن جاق تويدى.

كامېرون بۇئېئا داشۆسىنىڭ سىياسىيشۇناسلىق پىروفېسسورى جامېس ئالېي ئابونما مۇنداق دېدى: ئافرىقا غەرب ئەللىرىنىڭ تالان-تاراجىدىن جاق تويدى، ئافرىقىنىڭ تەرەققىياتى ئامېرىكا ياكى ياۋروپانىڭ ئارمىيەسىگە موھتاج ئەمەس، بەلكى قوش نەپ ئالىدىغان ھەمكارلىققا موھتاج. نىگېرىيەنىڭ ئىجتىمائىي پائالىيەتچىسى نىمو باشى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئافرىقا ئويغىنىۋاتىدۇ، ئىلگىرى ئافرىقىنى مۇستەملىكە قىلغان ھەم بۇ چوڭ قۇرۇقلۇقنى داۋاملىق بوزەك قىلىشقا بولىدۇ دەپ قارىغان ئاشۇ دۆلەتلەر ئۆزىنىڭ سىياسىتىگە قايتىدىن قاراپ چىقىشى كېرەك.

تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى

سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئافرىقا دۆلەتلىرى غەربتىن نېمە ئۈچۈن تۇرۇشلۇق ئارمىيەسىنى چېكىندۈرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ؟

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى يېقىندا چاد ۋە نېگىردىن كۆپ قىسىم ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئافرىقىدىكى بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆتكۈنچى ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئامېرىكا ئارمىيەسىدىن چېكىنىشىنى ئارقا-ئارقىدىن تەلەپ قىلغان ئىدى. بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا فىرانسىيە نىگىردىن ئەڭ ئاخىرقى بىر تۈركۈم ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈردى.