ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

دۇنيا نېمە ئۈچۈن جۇڭگونىڭ يېشىل ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا ئېھتىياجلىق؟

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-05-02 08:38

يېقىندا يەر شارىدىكى ئەڭ چوڭ نېفىت شىركەتلىرىنىڭ بىرى بولغان سەئۇدى ئەرەبىستانى نېفىت شىركىتىدىكى ئارامكونىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ئەمىن ناسسېر 26-نۆۋەتلىك دۇنيا ئېنېرگىيە يىغىنىدا مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە قۇياش ئېنېرگىيەلىك باتارېيە تاختىسى ساھەسىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن نۇرغۇن ئىلگىرىلەشلەرنىڭ ھەممىسى جۇڭگونىڭ تىرىشىپ تەننەرخنى چۈشۈرگەنلىكىدىن بولغان. توكلۇق ئاپتوموبىل ساھەسىنىڭ ئەھۋالىمۇ شۇنداق. جۇڭگونىڭ يېڭى ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ تەرەققىياتى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ كاربون قويۇپ بەرمەسلىك نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، دۇنيا ئېنېرگىيەسىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىشتە مۇھىم رول ئوينىدى.

ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم كىشىلەر جۇڭگونىڭ «ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئېشىپ كەتتى» ، دۇنيا بازىرىغا زەربر بەردى دەپ جار سالغانچاغدا، ناسسېرنىڭ بۇ ئادىل سۆزى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئاقىلانە، ئوبيېكتىپ تونۇشىغا ۋەكىللىك قىلدى. دۇنياغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، جۇڭگونىڭ يېشىل ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى زادى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ ئەمەلىيەت ئەڭ ياخشى جاۋاب.

تۈپ نېگىزىدىن ئېيتقاندا، ئىقتىسادىي تەرەققىيات خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى مەقسەت قىلىدۇ. يېڭى ئېنېرگىيە مەھسۇلاتلىرىدا يېشىل بولۇش، ئىقتىدار ۋە راھەتلىك دەرىجىسىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىلىپ، بازارنىڭ ئىستېمال ئېھتىياجىغا ماسلاشتى، لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تەننەرخى يۇقىرى بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەر مەۋجۇت. جۇڭگو تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە مۇكەممەل كەسىپ زەنجىرى سىستېمىسىدىن پايدىلىنىپ، پۈتۈن دۇنيانى مەسئۇلىيەتچان ھەل قىلىش لايىھەسى بىلەن تەمىنلەپ، يېڭى ئېنېرگىيە مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئومۇملىشىشىنى ئىلگىرى سۈردى.

يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنى مىسالغا ئېلىپ كۆرەيلى. مەككېنسى باشقۇرۇش مەسلىھەت بېرىش شىركىتىنىڭ بىر تۈرلۈك تەھلىلىدە مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگونىڭ توكلۇق ئاپتوموبىلى ياۋروپادىكى ياساش سودىگەرلىرى ئىشلەپچىقارغان توكلۇق ئاپتوموبىلدىن تەخمىنەن %20 تىن %30 كىچە ئەرزان، بۇنىڭ بىر مۇھىم سەۋەبى جۇڭگونىڭ يېڭى تىپتىكى ئاپتوموبىلنى تەتقىق قىلىپ ياساش ۋاقتى ياۋروپانىڭ يېرىمىغا توغرا كېلىدۇ. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، جۇڭگونىڭ يېشىل ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى پۈتۈن دۇنيادىكى ئىستېمالچىلارنى باھاسى مۇۋاپىق مەھسۇلات بىلەن تەمىنلەپ، ئەنئەنىۋى ئېنېرگىيە يېتىشمەسلىكتىن كېلىپ چىققان پۇل پاخاللىقى بېسىمىنى يېنىكلىتىپ، ئىستېمالچىلارنى ھەقىقىي نەپكە ئېرىشتۈردى.

بلۇمبېرىگ ئاگېنتلىقى يېقىندا ماقالە ئېلان قىلىپ، يەر شارى ئېنېرگىيە تىپىنى ئۆزگەرتىشتە ئۈمىد زور بولۇشنىڭ سەۋەبى شۇكى، جۇڭگو «تۆۋەن باھالىق، پاكىز مەھسۇلاتلار بىلەن تەمىنلىدى» دېدى. ھازىر جۇڭگو يەر شارىنى %50 شامال ئېلېكتىرى ۋە %80 يورۇقلۇق ۋولت ئۈسكۈنىسى بىلەن تەمىنلىدى. 2012-يىلىدىن 2021-يىلىغىچە، جۇڭگونىڭ يېشىل سودا كۆلىمى %146.3 ئېشىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا «يېشىل ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ» قوشتى.

سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2011-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە، جۇڭگونىڭ مۇھىت تېخنىكا كەشپىيات پاتېنتى ئىلتىماس قىلىش ئومۇمىي مىقدارى دۇنيا بويىچە %60 كە يېقىنلىشىپ، جۇڭگو مۇھىت تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا ئەڭ ئاكتىپ دۆلەت بولۇپ قالغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جۇڭگو ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىش ۋە ياخشى رىقابەت ئارقىلىق، باشقا دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە تېخنىكا تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى. گېرمانىيەنىڭ تازىلىق بۇيۇملىرى شىركىتى كارخېرنىڭ جۇڭگو رايونى مۇئاۋىن باش دىرېكتورى كې رۈيلىن بىز ئەمدىلا دۇنيا بويىچە تۇنجى قېتىم تارقاتقان لىتىي ئېلېكتىر سۇپىسى جۇڭگودا تەتقىق قىلىنىپ ياسالغان بولۇپ، پۈتۈن دۇنياغا تارقىتىلىۋاتىدۇ، دېدى. ئىتالىيە ئاپتوموبىل كارخانىسى دۇكادىنىڭ جۇڭگو رايونى باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى بەي لۇيى جۇڭگونىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل باتارېيە تېخنىكىسى، موتور تېخنىكىسى قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەرەققىياتى ھەممىگە ئايان، ھەر قايسى دۆلەت كارخانىلىرى جۇڭگو بىلەن ھەمكارلىشىۋاتىدۇ، دەپ كۆرسەتتى.

جۇڭگو دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، دۇنيا تارىخىدىكى ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كاربوننى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈشتىن كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ۋەدە بېرىپلا قالماي، يەنە دۇنيانىڭ كاربون قويۇپ بېرىشنى ئازايتىشىغا داۋاملىق ياردەم بەردى. 2022-يىلى، جۇڭگو ئېكسپورت قىلغان شامال ئېلېكتىر، يورۇقلۇق ۋولت مەھسۇلاتلىرى باشقا دۆلەتلەرنىڭ 573 مىليون توننا كاربون تۆت ئوكسىدىنى ئاز قويۇپ بېرىشكە، جەمئىي 2 مىليارد 830 مىليون توننا كاربون تۆت ئوكسىدىنى ئاز قويۇپ بېرىشكە ياردەم بەردى، بۇ دۇنيانىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكى تىرىلمە ئېنېرگىيەنى كاربون قويۇپ بېرىش مىقدارىغا سۇندۇرۇپ ھېسابلىغاندا تەخمىنەن %41 نى ئىگىلەيدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، جۇڭگو تېخنىكا جەھەتتىن قوللاش، ئىقتىدار قۇرۇلۇشى، مەبلەغ جەھەتتىن ياردەم بېرىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، باشقا دۆلەتلەرنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بەردى. 2023-يىلى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئەبۇزەبى شەھىرىنىڭ جەنۇبىدىكى قۇملۇقنىڭ ئىچكىرىسىدە، جۇڭگو ھۆددىگە ئېلىپ قۇرغان يەر شارى بويىچە ئەڭ چوڭ يەككە گەۋدىلىك قۇياش ئېنېرگىيەسى ئېلېكتىر ئىستانسىسى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. بۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن 160 مىڭ ئاھالىنى توك بىلەن تەمىنلەپ، ئەبۇزەبىنىڭ ھەر يىلى 2 مىليون 400 مىڭ توننا كاربوننى ئاز قويۇپ بېرىشىغا ياردەم بېرىپ، پاكىز ئېنېرگىيەنىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسىدىكى نىسبىتىنى %13 تىن كۆپرەك ئاشۇرىدۇ.

ئەمەلىيەت ئالدىدا، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئاتالمىش «ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقى  سەپسەتىسى» بىر پەشۋاغىمۇ يارىمايدۇ. خۇددى نۇرغۇن خەلقئارا ئەربابلار ئېيتقاندەك، «ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقى» دېگەن نام بىلەن قورۇقچىلىق قىلىش يەر شارى ئېنېرگىيە تىپىنى ئۆزگەرتىش مۇساپىسىگە يۈك بولۇپ قالىدۇ. دۇنيا دۇچ كېلىۋاتقان ھەقىقىي مەسىلە يېشىل ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى «ئوشۇقچىلىقى» بولماستىن، بەلكى يېشىل ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە كەمچىل بولۇش مەسىلىسى. جۇڭگو ھازىر دۇنيا ھەقىقىي جىددىي ئېھتىياجلىق نەرسىلەرنى ئىشلەپچىقىرىۋاتىدۇ.

تەرجىمان: دىلناز تۇرسۇن

سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

دۇنيا نېمە ئۈچۈن جۇڭگونىڭ يېشىل ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا ئېھتىياجلىق؟

يېقىندا يەر شارىدىكى ئەڭ چوڭ نېفىت شىركەتلىرىنىڭ بىرى بولغان سەئۇدى ئەرەبىستانى نېفىت شىركىتىدىكى ئارامكونىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ئەمىن ناسسېر 26-نۆۋەتلىك دۇنيا ئېنېرگىيە يىغىنىدا مۇنداق دېدى