1-پەسىلدە شىنجاڭنىڭ مېۋە ئېكسپورت مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %20كە يېقىن ئاشتى
تاموژنا باش مەھكىمىسىنىڭ تاموژنا ئىستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتلىرىنى تەكشۈرۈش سۇپىسىدا كۆرسىتىلىشىچە، 1-پەسىلدە، شىنجاڭ جەمئىي 46 مىڭ توننا مېۋە ئېكسپورت قىلغان بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %19.7 ئاشقان، ئېكسپورت سوممىسى 532 مىليون يۈەن بولغان.
1-ئايدىن 3-ئايغىچە، شىنجاڭ ئېكسپورت قىلغان مېۋىلەر ياڭاق، بادام، ئۈزۈم، ئالقات، چىلان، نەشپۈت، ئالما قاتارلىق ئون تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، بۇنىڭ ئىچىدە ئېكسپورت سوممىسى ئەڭ كۆپ بولغىنى ياڭاق بولۇپ، 270 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 1-پەسىلدىكى شىنجاڭ مېۋە ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسىنىڭ تەخمىنەن يېرىمىنى ئىگىلىگەن؛ ئىككىنچى ئورۇندا تۇرغىنى ھۆل ئۈزۈم بولۇپ، ئېكسپورت سوممىسى 80 مىليون 980 مىڭ يۈەن بولغان، ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسىنىڭ تەخمىنەن %15ىنى ئىگىلىگەن؛ ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرغىنى نەشپۈت بولۇپ، ئېكسپورت سوممىسى 75 مىليون 270 مىڭ يۈەن بولغان، ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسىنىڭ تەخمىنەن %14ىنى ئىگىلىگەن.
سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 1-پەسىلدە خەلقئارا بازاردا شىنجاڭنىڭ نەشپۈت مەھسۇلاتلىرىغا بولغان ئېھتىياج كۈچەيگەن، ئېكسپورت بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %314 ئېشىپ، ئېكسپورت قىلىنىدىغان جايلار ئاساسلىقى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە مەركەزلەشكەن، مەسىلەن، ھىندونېزىيە، تايلاند، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان قاتارلىقلار. بۇنىڭدىن باشقا، دۆلەت ئىچى ـ سىرتىدىكى قۇرۇق مېۋە بازىرىدا خېلى داڭقى بار شىنجاڭ قۇرۇق ئۈزۈمىنىڭ 1-پەسىلدىكى ئېكسپورت سوممىسى 51 مىليون 890 مىڭ يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %191 ئاشقان، ئاساسلىقى ئەنگلىيە، ياپونىيە، رۇسىيە، سىنگاپور، سەئۇدى ئەرەبىستان، رومىنىيە قاتارلىق 18 دۆلەتكە ئېكسپورت قىلىنغان. شىنجاڭ ئالمىسىنىڭ 1-پەسىلدىكى ئېكسپورتىدا خېلى زور دەرىجىدە ئېشىش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئېكسپورت سوممىسى 43 مىليون 890 مىڭ يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %65 ئاشقان، ئاساسلىقى قىرغىزىستان ۋە نېپالغا ئېكسپورت قىلىنغان.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ خاس باغ ـ ئورمان بايلىقى ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، باغ ـ ئورمان ئېكسپورت كارخانىلىرىنى يېتىشتۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، پائال تۈردە خەلقئارا بازارنى ئېچىپ، ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى. ئاپتونوم رايونلۇق باغ ـ ئورمان كەسپى تەرەققىيات مەركىزىنىڭ ئىستاتىستىكا قىلىشىچە، 2023-يىلى شىنجاڭ تۈرلۈك مېۋىدىن جەمئىي تەخمىنەن 2 مىليارد يۈەنلىك ئېكسپورت قىلغان بولۇپ، 2022-يىلىدىكىدىن %80كە يېقىن ئاشقان. نۆۋەتتە، شىنجاڭنىڭ ئەلا سۈپەتلىك مېۋىلىرىنىڭ دۆلەت دەرۋازىسىدىن چىقىش ۋەزىيىتى كۈچلۈك بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا، ئوتتۇرا شەرق، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا، ياۋروپا قاتارلىقلاردىكى 30 نەچچە دۆلەت ۋە رايوننى قاپلىدى.