ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شىنجاڭدىن بىر شەخس، بىر كوللېكتىپ «جۇڭگو ياشلار 4-ماي مېدالى»غا ئېرىشتى

مەنبەسى:تىيانشان تورى     |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-05-02 08:46

29-ئاپرېل«4-ماي» ياشلار بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسى 28-نۆۋەتلىك «جۇڭگو ياشلار 4-ماي مېدالى»نى تارقاتتى. بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭدىن بىر شەخس، بىر كوللېكتىپ مۇكاپاتقا ئېرىشتى، ئۇلار ئايرىم - ئايرىم ھالدا شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 170-تۈەن يىپەك يولى جىغان بىيوپەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ۋاڭ جۈنياڭ، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ فىزىكا-خىمىيە تېخنىكا تەتقىقات ئورنى فوتو ئېلېكتىر فۇنكسىيەلىك كىرىستال ماتېرىيالىدا يېڭىلىق يارىتىش كوللېكتىپىدىن ئىبارەت.

1986-يىلى 12-ئايدا تۇغۇلغان ۋاڭ جۈنياڭ 2009-يىلى تارىم داشۆنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى پىدائىيلار مۇلازىمىتى غەربىي قىسىم پىلانىغا قاتنىشىشقا تىزىملىتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن بىڭتۈەن 9-شىدىكى ئەڭ جاپالىق بولغان 170-تۈەنگە كېلىپ خىزمەت قىلىشنى تاللىدى. ۋاڭ جۈنياڭنىڭ يېتەكچىلىكىدە، جىغان كەسپىگە تايىنىپ، ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىكى 167 ئائىلىلىك ئىشچى-خىزمەتچىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى 2019 - يىلىدىكى 45 مىڭ يۈەندىن كۆپىيىپ 2023-يىلى 120 مىڭ يۈەن بولۇپ، ئۈچ ھەسسىگە يېقىن ئاشتى، جىغان 170-تۈەندىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىدىكى «ئالتۇن پۇرچاق»قا ئايلاندى.

جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ فىزىكا-خىمىيە تېخنىكا تەتقىقات ئورنى فوتو ئېلېكتىر فۇنكسىيەلىك كىرىستال ماتېرىيالىدا يېڭىلىق يارىتىش كوللېكتىپىدا نۆۋەتتە 143 كىشى بار بولۇپ، ئوتتۇرىچە يېشى 29 ياش، 35 ياشتىن تۆۋەن پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %86. شىنجاڭدا يىلتىز تارتقان 17 يىلدىن بۇيان، بۇ كوللېكتىپ لازېر نۇرى تېخنىكىسىدا فوتوئېلېكتىر فۇنكسىيەلىك كىرىستالنى قوللىنىپ «0—1»دىن ئىبارەت دەسلەپكى يېڭىلىق يارىتىش ھەم ئۇنى قوللىنىش تەتقىقاتىنى قانات يايدۇرۇپ، خەلقئارادا تۇنجى قېتىم تولۇق دولقۇنلۇق فازىسىنى ماسلاشتۇرۇش يېڭى ئۇقۇمىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، 160.5 نانومېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى ئۇلترا بىنەپشە نۇرلۇق لازېر نۇرى چىقىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بىۋاسىتە چاستوتانى ھەسسىلەپ چىقارغان دولقۇن ئۇزۇنلۇقى ئەڭ قىسقا بولۇشتەك دۇنيا رېكورتىنى يېڭىلاپ، دۆلىتىمىزنىڭ چوڭقۇر ئۇلترا بىنەپشە نۇرلۇق تولۇق قاتتىق ھالەتتىكى لازېر نۇرى تېخنىكىسىنىڭ خەلقئارادا داۋاملىق باشلامچى بولۇپ مېڭىشى، چوڭقۇر ئۇلترا بىنەپشە نۇرلۇق لازېر نۇرى تېخنىكىسىنى قوللىنىشنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى ئىگىلىشىنى ئاچقۇچلۇق ماتېرىيال ۋە زاپچاسلار بىلەن تەمىنلىدى.

«جۇڭگو ياشلار 4-ماي مېدالى» كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسى جۇڭگو مۇنەۋۋەر ياشلىرىغا بەرگەن ئالىي شەرەپ بولۇپ، سىياسىي جەھەتتە ئالغا باسقان، ئېسىل پەزىلەتلىك، تۆھپىسى گەۋدىلىك مۇنەۋۋەر ياش تىپلارنى تۇرغۇزۇپ، زامانىمىز ياشلىرىنىڭ روھىي پەزىلىتى ۋە قىممەت ئىنتىلىشىنى ئەكس ئەتتۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ.

29-ئاپرېل،«4-ماي» ياشلار بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسى 28 - نۆۋەتلىك «جۇڭگو ياشلار 4-ماي مېدالى»نى تارقاتتى. بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭدىن بىر شەخس، بىر كوللېكتىپ مۇكاپاتقا ئېرىشتى، ئۇلار ئايرىم - ئايرىم ھالدا شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 170-تۈەن يىپەك يولى جىغان بىيوپەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ۋاڭ جۈنياڭ، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ فىزىكا-خىمىيە تېخنىكا تەتقىقات ئورنى فوتو ئېلېكتىر فۇنكسىيەلىك كىرىستال ماتېرىيالىدا يېڭىلىق يارىتىش كوللېكتىپىدىن ئىبارەت.

1986-يىلى 12-ئايدا تۇغۇلغان ۋاڭ جۈنياڭ 2009-يىلى تارىم داشۆنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى پىدائىيلار مۇلازىمىتى غەربىي قىسىم پىلانىغا قاتنىشىشقا تىزىملىتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن بىڭتۈەن 9 -شىدىكى ئەڭ جاپالىق بولغان 170-تۈەنگە كېلىپ خىزمەت قىلىشنى تاللىدى. ۋاڭ جۈنياڭنىڭ يېتەكچىلىكىدە، جىغان كەسپىگە تايىنىپ، ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىكى 167 ئائىلىلىك ئىشچى-خىزمەتچىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى 2019- يىلىدىكى 45 مىڭ يۈەندىن كۆپىيىپ 2023-يىلى 120 مىڭ يۈەن بولۇپ، ئۈچ ھەسسىگە يېقىن ئاشتى، جىغان 170-تۈەندىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىدىكى «ئالتۇن پۇرچاق»قا ئايلاندى.

جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ فىزىكا - خىمىيە تېخنىكا تەتقىقات ئورنى فوتو ئېلېكتىر فۇنكسىيەلىك كىرىستال ماتېرىيالىدا يېڭىلىق يارىتىش كوللېكتىپىدا نۆۋەتتە 143 كىشى بار بولۇپ، ئوتتۇرىچە يېشى 29 ياش، 35 ياشتىن تۆۋەن پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %86. شىنجاڭدا يىلتىز تارتقان 17 يىلدىن بۇيان، بۇ كوللېكتىپ لازېر نۇرى تېخنىكىسىدا فوتوئېلېكتىر فۇنكسىيەلىك كىرىستالنى قوللىنىپ «0—1»دىن ئىبارەت دەسلەپكى يېڭىلىق يارىتىش ھەم ئۇنى قوللىنىش تەتقىقاتىنى قانات يايدۇرۇپ، خەلقئارادا تۇنجى قېتىم تولۇق دولقۇنلۇق فازىسىنى ماسلاشتۇرۇش يېڭى ئۇقۇمىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، 160.5 نانومېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى ئۇلترا بىنەپشە نۇرلۇق لازېر نۇرى چىقىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بىۋاسىتە چاستوتانى ھەسسىلەپ چىقارغان دولقۇن ئۇزۇنلۇقى ئەڭ قىسقا بولۇشتەك دۇنيا رېكورتىنى يېڭىلاپ، دۆلىتىمىزنىڭ چوڭقۇر ئۇلترا بىنەپشە نۇرلۇق تولۇق قاتتىق ھالەتتىكى لازېر نۇرى تېخنىكىسىنىڭ خەلقئارادا داۋاملىق باشلامچى بولۇپ مېڭىشى، چوڭقۇر ئۇلترا بىنەپشە نۇرلۇق لازېر نۇرى تېخنىكىسىنى قوللىنىشنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى ئىگىلىشىنى ئاچقۇچلۇق ماتېرىيال ۋە زاپچاسلار بىلەن تەمىنلىدى.

«جۇڭگو ياشلار 4-ماي مېدالى» كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسى جۇڭگو مۇنەۋۋەر ياشلىرىغا بەرگەن ئالىي شەرەپ بولۇپ، سىياسىي جەھەتتە ئالغا باسقان، ئېسىل پەزىلەتلىك، تۆھپىسى گەۋدىلىك مۇنەۋۋەر ياش تىپلارنى تۇرغۇزۇپ، زامانىمىز ياشلىرىنىڭ روھىي پەزىلىتى ۋە قىممەت ئىنتىلىشىنى ئەكس ئەتتۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شىنجاڭدىن بىر شەخس، بىر كوللېكتىپ «جۇڭگو ياشلار 4-ماي مېدالى»غا ئېرىشتى

29-ئاپرېل«4-ماي» ياشلار بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسى 28 - نۆۋەتلىك «جۇڭگو ياشلار 4-ماي مېدالى»نى تارقاتتى.