ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «مىليونلىغان ئىشچى-خىزمەتچىنى دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش قۇرۇلۇشى، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىغا پائال ئاتلىنىشقا تەشكىللەيلى ۋە سەپەرۋەر قىلايلى» ماۋزۇلۇق مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىندى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-05-01 09:19

  «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 1-مايدىكى 9-سانىدا جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «مىليونلىغان ئىشچى-خىزمەتچىنى دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش قۇرۇلۇشى، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىغا پائال ئاتلىنىشقا تەشكىللەيلى ۋە سەپەرۋەر قىلايلى» ماۋزۇلۇق مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىندى.

  ماقالىدە مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، دۆلىتىمىز ئىشچىلار سىنىپى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا ئاساسىي قوشۇنلۇق رولىنى جارى قىلدۇردى، ئىشچىلار ھەرىكىتى ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىزمىتىدە ھەر تەرەپلىمە ئىلگىرىلەش بولدى. بارلىق ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر، ئامما پارتىيە بىلەن بىر نىيەتتە بولۇپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ كۈرەش قىلىپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش، خەتەردىن، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش قاتارلىق زور خىزمەتلەردە، قاتتىق جەڭ قىلىشقا جۈرئەت قىلىدىغان، ئېغىر يۈكنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىسىگە ئالىدىغان دەۋر سالاپىتىنى نامايان قىلدى.

  ماقالىدە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىزمىتى توغرىسىدا مۇنۇلار تەكىتلەندى: بىرىنچى، پارتىيەنىڭ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىغا بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك. دۆلىتىمىزنىڭ ئىشچىلار ھەرىكىتى ئىشلىرى پارتىيە رەھبەرلىكىدە تەرەققىي قىلغان، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى پارتىيە رەھبەرلىكىدىكى ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتى. پارتىيەنىڭ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىغا بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك، ھەرقانداق ۋاقىت، ھەرقانداق ئەھۋالدا بۇنىڭدىن تەۋرىنىشكە، چەتنەشكە بولمايدۇ. پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشنى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىزمىتىنىڭ پۈتكۈل جەريانى ۋە ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ئومۇميۈزلۈك، ئۈنۈملۈك ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش شەرت. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەپ، روھنى تاۋلاشتا قەتئىي بوشاشماي چىڭ تۇرۇپ، «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى سىستېمىسىدا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئىدىيەۋى-سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا تەربىيەلەش، يېتەكلەش كېرەك. ئىككىنچى، مىليونلىغان ئىشچى-خىزمەتچىنى جاسارەت بىلەن يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىپ، يېڭى دەۋرگە تۆھپە قوشۇشقا تەشكىللەش ۋە سەپەرۋەر قىلىش كېرەك. ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىزمىتى نۇرغۇن مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇنىڭدا ئەڭ ئاساسلىقى ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئاممىسىنى پارتىيەنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش. جان-دىل بىلەن ئىشچىلار سىنىپىغا تايىنىش تۈپ فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئاممىسىنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى تولۇق قوزغاپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش قۇرۇلۇشى، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىغا پائال ئاتلىنىش كېرەك. ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى روھى، ئەمگەك روھى، ھۈنەرۋەن روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك. ئۈچىنچى، ھوقۇقنى قوغداش مۇلازىمىتى خىزمىتىنى كۆڭۈل قويۇپ ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە تېخىمۇ روشەن ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈش ئالدى بىلەن مىليونلىغان ئەمگەكچىدە گەۋدىلىنىشى كېرەك. ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئىشچى-خىزمەتچىلەر مەنپەئەتىنىڭ ۋەكىلى ۋە قوغدىغۇچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئاممىسىنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك ئەمەلىي مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىشى، بولۇپمۇ يېڭى ئىشقا ئورۇنلىشىش ھالىتىدىكى ئەمگەكچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى ياخشى قوغداشقا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى مەنپەئەت تەلىپىنى قانۇن بويىچە ئاقىلانە، تەرتىپلىك ئىپادىلەشكە، ئۆزىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداشقا يېتەكلەپ، ئىناق ئەمگەك مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  ماقالىدە مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئائىلىسى، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى كادىرلىرى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ غەمگۈزارى. ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئىسلاھاتى ۋە قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنى چىڭ تۇتۇشتىن ئىبارەت روشەن يۆنىلىشنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ئاساسىي قاتلام ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ يېتەكلەش كۈچى، تەشكىللەش كۈچى، مۇلازىمەت كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم (پارتگۇرۇپپا)لار ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ۋە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئاممىسىنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقى ۋە مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشىغا پائال ياردەم بېرىشى كېرەك.

  تەرجىمان: پاتىگۈل مەمەت

  سېلىشتۇرغۇچى: ئىمىنجان ئىسمايىل

中央广播电视总台 央广网 版权所有

«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «مىليونلىغان ئىشچى-خىزمەتچىنى دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش قۇرۇلۇشى، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىغا پائال ئاتلىنىشقا تەشكىللەيلى ۋە سەپەرۋەر قىلايلى» ماۋزۇلۇق مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىندى

«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 1-مايدىكى 9-سانىدا جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «مىليونلىغان ئىشچى-خىزمەتچىنى دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش قۇرۇلۇشى، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىغا پائال ئاتلىنىشقا تەشكىللەيلى ۋە سەپەرۋەر قىلايلى» ماۋزۇلۇق مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىندى.