ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

1-ماي خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، شى جىنپىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئەمگەكچى ئاممىنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى ۋە ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-05-01 10:12

  1-ماي خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمى يېتىپ كەلگەن پەيتتە، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئەمگەكچى ئاممىنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى ۋە ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ يىل يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى، «14-بەش يىل» لىق يىرىك پىلاندىكى نىشان ـ ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق بىر يىل. ئەمگەكچى ئامما پارتىيە بىلەن بىر نىيەتتە بولۇپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ كۈرەش قىلىپ، جاپالىق ئەمگەك قىلىپ، خالىس تۆھپە قوشۇپ، ئەقىل-پاراسىتى ۋە قان-تەرى ئارقىلىق پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇھىم تۆھپە قوشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئەمگەك دەۋر سەھىپىسىنى يارىتىدۇ، كۈرەش گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىدۇ. ئەمگەكچى ئاممىنىڭ ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى روھى، ئەمگەك روھى، ھۈنەرۋەن روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىش ئورنىنى سۆيۈپ، كەسىپنى قەدىرلەپ، يېڭىلىق يارىتىپ، ئىجاد قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ قىزغىن ئەمەلىيىتىگە بەس-بەستە ئاتلىنىپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش قۇرۇلۇشى، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر بارلىق ئەمگەكچى ئاممىغا كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە ئۇلارنى ئاسراپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ياخشى قوغداپ، ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئەمگەكچى ئاممىنى تىرىشىپ ئەمگەك قىلىش، سەمىمىي ئەمگەك قىلىش، ئىجادىي ئەمگەك قىلىش داۋامىدا ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈشى كېرەك.

  تەرجىمان: پاتىگۈل مەمەت

  سېلىشتۇرغۇچى: ئىمىنجان ئىسمايىل

中央广播电视总台 央广网 版权所有