ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئەمگەك دەۋر سەھىپىسىنى، كۈرەش گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىدۇ-ئەمگەكچىلەر جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا پائال ئاتلىنىپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش قۇرۇلۇشى، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرى ئۈچۈن تۆھپە قوشماقتا

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-05-02 09:38

«1-ماي» خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمى يېتىپ كەلگەن پەيتتە، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئەمگەكچى ئاممىنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى ۋە ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى، ئەمگەكچى ئاممىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن قوشقان مۇھىم تۆھپىسىگە يۈكسەك باھا بەردى ھەمدە ئۇلاردىن سەمىمىي ئۈمىد كۈتتى.

باش شۇجىنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ئىلھاملاندۇرۇشى كىشىلەر قەلبىنى ئىللىتىپ، كىشىلەرنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ، ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىكى ئەمگەكچىلەرنى يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن تىرىشىپ ئىشلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا پائال ئاتلىنىپ، كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش قۇرۇلۇشى، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ.

شاڭخەي-چۇڭچىڭ-چېڭدۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولى دۆلەتنىڭ ھەممە يەرگە تۇتاشقان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تورىنىڭ دەريا بويىدىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. 1-ماي بايرىمى مەزگىلىدە، قۇرۇلۇشچىلار شاڭخەي-چۇڭچىڭ-چېڭدۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولى چۇڭتەي چاڭجياڭ دەرياسى تونېلىنى جىددىي ياسىماقتا ئىدى، ئېلىمىز ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياسىغان، نۆۋەتتە دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ دىيامېتىرلىق يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول «يول باشلىغۇچى» نامىلىق تونېل قېزىش ماشىنىسى شىمالدىن جەنۇبقا قاراپ ئىلگىرىلمەكتە. جۇڭگو تۆمۈريول تونېلى ئىدارىسى چۇڭتەي چاڭجياڭ تونېلى تۈرىنىڭ «يول باشلىغۇچى» ناملىق تونېل قېزىش ماشىنىسىنىڭ باشلىقى لو گاڭ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاددىي خىزمەت ئورنىدا قالتىس ھېكايىلەرنى داۋاملىق يېزىش كېرەك، دېدى. ھازىر دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول تونېل قېزىش ماشىنىسىنى ھەيدەپ، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئاستىدا ئەڭ چوڭقۇر تونېل قۇرغىنىمدىن پەخىرلىنىمەن، مېنىڭ چۇڭتەي چاڭجياڭ تونېلىنى ياخشى ياساشقا ئىشەنچىم ۋە ئىقتىدارىم بار.

بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېينى تۇتاشتۇرىدىغان، تەيخاڭشەن تېغىنى كېسىپ ئۆتىدىغان شيۇڭئەن يېڭى رايونىدىن سەنشىنىڭ شىنجۇغىچە بولغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول قۇرۇلۇشى نۆۋەتتە تېز ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە، نەچچە يۈز قۇرۇلۇشچى كېچە-كۈندۈز كۈرەش قىلماقتا. مەملىكەتلىك 1-ماي ئاياللار ئۈلگىسى، شيۇڭگەن-شىنجۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولىنىڭ خېبېي بۆلىكىدىكى قۇرۇلۇشچى ۋۇ جيەنشيا مۇنداق دېدى: باش شۇجىنىڭ سەمىمىي ھال سورىشى قەلبىمىزنى ناھايىتى ئىللىتتى ھەمدە ھەسسىلەپ روھلاندۇردى. بىز چوقۇم باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، «مىنۇت-سېكۇنتنى قولدىن بەرمەسلىك» تەك غەيرەت بىلەن، شيۇڭگەن-شىنجۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىنى يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى سۈپەت بىلەن ياخشى ياساپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۇلۇغۋار پىلانىنى قەدەممۇ قەدەم گۈزەل رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن ياشلىق باھارىمىزنى تەقدىم قىلىمىز.

«1-ماي» بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ شېنياڭ شەھىرىگە جايلاشقان شېنگۇ گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتى پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشىپ، ۋاقىتنى چىڭ تۇتتى، ئەمگەكچىلەر ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، زاكاز ۋەزىپىسىنىڭ ۋاقتىدا تاماملىنىشىغا كاپالەتلىك قىلدى. مەملىكەتلىك «1-ماي» ئەمگەك مېدالىغا ئېرىشكۈچى، شېنگۇ گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ ئالىي تېخنىكى ما چاڭخاۋ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەبرىكلىشى ۋە ھال سورىشى بىزگە كۈچ ـ قۇۋۋەت ئاتا قىلىپ، بىزنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئىلھاملاندۇردى. تېخنىك ئىشچى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى روھى، ئەمگەك روھى، ھۈنەرۋەن روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ پىششىقلاپ ئىشلەش تېخنىكىسىدىكى قىيىن ئۆتكەللەرگە تىرىشىپ ھۇجۇم قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ ساھەدىكى «دۆلەتنىڭ مۇھىم قوراللىرى»نى چېرتيوژدىن رېئاللىققا ئايلاندۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ يادرولۇق ئۈسكۈنىلەرنى دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز.

شىنجاڭ ئالاتاۋ شەھىرىدىكى مەلۇم توقۇمىچىلىق شىركىتىنىڭ ئىسمېنا گۇرۇپپا باشلىقى، ئېلېكتىر رېمونت ئىشچىسى ليۇ يۈشىن خىزمەت قىلغان سەككىز يىلدىن بۇيان، قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، ئادەتتىكى توكچىدىن تېخنىكا تايانچىسىغا ئايلاندى. بۇ يىل ئۇ مەملىكەتلىك 1-ماي ئەمگەك مېدالىغا ئېرىشتى.

ليۇ يۈشىن مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بايرىمىمىزنى تەبرىكلىشى ۋە سەمىمىي ھال سورىشى قەلبىمىزنى ناھايىتى ئىللىتتى، شۇنداقلا غەيرىتىمنى ئاشۇردى. مەن بۇ يىل 36 ياشقا كىردىم، تازا كۈرەش قىلىدىغان ياخشى مەزگىلىم، مەن «قالتىس بولۇشقا ئىنتىلىش» تەك ھۈنەرۋەن روھىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئاددىي خىزمەت ئورنۇمدا تىرىشىپ قالتىس نەتىجىلەرنى يارىتىمەن.

ئەنخۇي توڭلىڭ رەڭلىك مېتال شىركىتى دوڭگۇا تېغى مىس كېنى داتۇەنشەن ئىشلەپچىقىرىش رايونىدىكى كان قېزىش 2-بەنى يېقىندا «مەملىكەتلىك ئىشچىلار ئاۋانگارتى» دېگەن شەرەپكە ئېرىشتى. باش شۇجىنىڭ ھال سورىشى كان ئىشچىلىرىنى چوڭقۇر ئىلھاملاندۇردى. كان قېزىش 2-بەنىنىڭ مۇئاۋىن بەنجاڭى شيې خاۋ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ ئەمگەك ئارقىلىق دەۋر سەھىپىسىنى، كۈرەش ئارقىلىق گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى. «1ـ ماي» بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، مەن ۋە مېنىڭ ئىشداشلىرىم ئىلگىرىكىدەكلا ئىش ئورنىمىزدا، قېزىش مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ، ئۈسكۈنىلەرگە ھەمراھ بولۇپ، ئاددىي ئىش ئارقىلىق قالتىس نەتىجە يارىتىپ، كارخانىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلدۇق.

جياڭشى ئۆلكىسىدە 30-ئاپرېل تۇنجى يېڭى ئىشقا ئورۇنلىشىش ھالىتىدىكى ئەمگەكچىلەرنىڭ ئەدلىيە ھوقۇق مەنپەئەتىنى قوغداش بازىسى قۇرۇلدى، بۇندىن كېيىن يېڭى ئىشقا ئورۇنلىشىش ھالىتىدىكى ئەمگەكچىلەرنى «بىر كۆزنەكلىك» ئەمگەك ماجىرالىرىنى ھەل قىلىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. قوغداش بازىسىنىڭ مەسئۇلى، نەنچاڭ شەھىرى چىڭشەنخۇ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى دېلو تۇرغۇزۇش كوللېگىيەسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ لۇ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ ئەمگەكچى ئاممىغا كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە ئۇلارنى ئاسراپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇش، ياخشى قوغداش، ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تەكىتلىدى. بىز يېڭى ئىشقا ئورۇنلىشىش ھالىتىدىكى ئەمگەكچىلەرنى نوپۇزلۇق، قولايلىق ھوقۇق قوغداش سورۇنىغا ئىگە قىلىپ، يېڭى شەكىلدىكى كەسىپلەرنى قېلىپلاشتۇرۇپ يۈرۈشتۈرۈپ، سۇپا ئىقتىسادىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەمگەكچىلەرنى تېخىمۇ بىۋاسىتە، تېخىمۇ ئەمەلىي ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىمىز.

تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل

سېلىشتۇرغۇچى: پاتىگۈل مەمەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئەمگەك دەۋر سەھىپىسىنى، كۈرەش گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىدۇ-ئەمگەكچىلەر جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا پائال ئاتلىنىپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش قۇرۇلۇشى، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرى ئۈچۈن تۆھپە قوشماقتا

«1-ماي» خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمى يېتىپ كەلگەن پەيتتە، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئەمگەكچى ئاممىنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى ۋە ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى،