ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

نۇرغۇن دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلار پەلەستىننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا كىرىش قارار لايىھەسىنى ئامېرىكىنىڭ رەت قىلغانلىقىنى ئەيىبلىدى ياكى ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-04-20 09:00

  ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى 19-ئاپرېل غەززە رايونى ۋە لىۋان-ئىسرائىلىيە ۋاقىتلىق چېگرا رايونىدا داۋاملىق ھەربىي ھەرىكەت قوزغىدى، قوراللىق گۇرۇھ «مۇقەددەس شەھەر لۈيى» شۇ كۈنى راكېتا بومبا بىلەن غەززە شەھىرىنىڭ شەرقى ۋە شەرقىي جەنۇبىدىكى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى توپلاشقان جايغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. غەززە رايونىدىكى سەھىيە تارماقلىرى 19-ئاپرېل بايانات ئېلان قىلىپ، پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى پارتلىغاندىن بۇيان، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىدا قوزغىغان ھەربىي ھەرىكىتىدە 34 مىڭ 12 پەلەستىنلىكنىڭ قازا قىلغانلىقىنى، ئۇندىن باشقا 76 مىڭ 833 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

  ئامېرىكا 18-ئاپرېل خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە پەلەستىننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ رەسمىي ئەزا دۆلىتى بولۇش توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنى رەت قىلدى، پەلەستىن، ئىران بۇنى ئەيىبلىدى، ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى ھەمدە مىسىر، ئىيوردانىيە، قاتار، سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق دۆلەتلەر لايىھەنىڭ رەت قىلىنغانلىقىدىن ئەپسۇسلاندى.

  جۇڭگو ۋەكىلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش نەچچە ئەۋلاد پەلەستىن خەلقىنىڭ ئارزۇسى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا رەسمىي ئەزا بولۇش بۇ تارىخى مۇساپىدىكى ئاچقۇچلۇق بىر قەدەم. ئامېرىكىنىڭ رەت قىلىشى بىلەن پەلەستىن خەلقىنىڭ نەچچە ئون يىللىق ئارزۇسى رەھىمسىزلىك بىلەن بەربات بولدى. جۇڭگو ئامېرىكىنىڭ قارارىدىن ئىنتايىن ئۈمىدسىزلەندى.

  رۇسىيە ۋەكىلى: ئاۋازغا قويۇش نەتىجىسىدىن قارىغاندا ۋاشىنگتون ئەمەلىيەتتە پۈتۈنلەي يېتىم قالدى، دېدى.

  تەرجىمان: ئەنۋەر ئەركىن

  سېلىشتۇرغۇچى: بەختىيار تۇردى

中央广播电视总台 央广网 版权所有

نۇرغۇن دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلار پەلەستىننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا كىرىش قارار لايىھەسىنى ئامېرىكىنىڭ رەت قىلغانلىقىنى ئەيىبلىدى ياكى ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى 19-ئاپرېل غەززە رايونى ۋە لىۋان-ئىسرائىلىيە ۋاقىتلىق چېگرا رايونىدا داۋاملىق ھەربىي ھەرىكەت قوزغىدى، جېھاد قارمىقىدىكى قوراللىق گۇرۇھ «مۇقەددەس شەھەر لۈيى» شۇ كۈنى راكېتا بومبا بىلەن