ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى ئىرانغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى تېخى دەلىللىمىدى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى ئۆز ئارا ئۆچ ئېلىشنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى مۇراجىئەت قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-04-20 09:00

  ئىران، ئىراق، سۇرىيەدىكى نۇرغۇن جايلاردا 19-ئاپرېل پارتلاش ئاۋازى ئاڭلاندى. ئىران تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: شۇ كۈنى سەھەر سائەت 4 ئەتراپىدا ئىسفاخان ئۆلكىسىنىڭ ھاۋا بوشلۇقىدا ئۈچ مىكرو ئۇچقۇ بايقالدى، ئىراننىڭ ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى ئۇنى ئېتىپ چۈشۈردى. ۋەقە يۈز بەرگەن جاي ئىسفاخان خەلقئارا ئايرودۇرۇمى بىلەن ئىران ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ بازىسىغا يېقىن بولۇپ، خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى ئىراننىڭ يادرو ئەسلىھەلىرىنىڭ زىيانغا ئۇچرىمىغانلىقىنى جەزملەشتۈرگەن. ئىراننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى مۇنداق دېدى: گەرچە ۋەقەدە ھېچقانداق ئىقتىسادىي زىيان ۋە ئۆلۈم-يېتىم بولمىغان بولسىمۇ، بىراق ئىسرائىلىيە ھاكىمىيىتى يەنە بىر قېتىم تەۋەككۈلچىلىك قىلسا، ئىراننىڭ ئىنكاسى دەرھال، ئەڭ زور چەكتە ۋە كەسكىن بولىدۇ، بۇ ئۇچۇر ئامېرىكا ۋە ئالاقىدار تەرەپلەرگە ئېنىق يەتكۈزۈلدى.

  ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى تاراتقۇلىرىنىڭ زىيارىتىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئىراندا پارتلاش يۈز بەرگەن خەۋەرگە ھازىرچە باھا بەرمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئىسرائىلىيە زۇڭلى مەھكىمىسى ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا ھۇجۇم قىلغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرنى دەلىللەشنى رەت قىلدى. ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى بلىنكىن 19-ئاپرېل سەھەردىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇقتۇرۇشىنى مۇددەتتىن بۇرۇن تاپشۇرۇپ ئالغان ئالمىغانلىقىغا ئىنكاس قايتۇرۇشنى رەت قىلدى ھەمدە ئامېرىكىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك زەربە بېرىشىگە قاتناشمىغانلىقىنى بىلدۈردى. گوللاندىيە خان جەمەتى ئاۋىياتسىيەسى، شىۋېيتسارىيە ئاۋىياتسىيەسى، ئاۋسترىيە ئاۋىياتسىيەسى ۋە گېرمانىيە ھانسا ئاۋىياتسىيەسى 19-ئاپرېل ئىسرائىلىيەگە قاتنايدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنى ئەمەلدىن قالدۇردى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى گۇتېرىس شۇ كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئوتتۇرا شەرقتىكى خەتەرلىك ئۆچ ئېلىش ئايلىنىشىنى توختىتىشنى ھەمدە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، پۈتكۈل ئوتتۇرا شەرق رايونى ۋە باشقا رايونلارغا بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرلىك ئاقىۋەت پەيدا قىلىش ئېھتىماللىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مۇراجىئەت قىلدى.

  تەرجىمان: ئەنۋەر ئەركىن

  سېلىشتۇرغۇچى: بەختىيار تۇردى

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى ئىرانغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى تېخى دەلىللىمىدى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى ئۆز ئارا ئۆچ ئېلىشنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى مۇراجىئەت قىلدى

ئىران، ئىراق، سۇرىيەدىكى نۇرغۇن جايلاردا 19-ئاپرېل پارتلاش ئاۋازى ئاڭلاندى. ئىران تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: شۇ كۈنى سەھەر سائەت 4 ئەتراپىدا ئىسفاخان ئۆلكىسىنىڭ ھاۋا بوشلۇقىدا ئۈچ مىكرو ئۇچقۇ بايقالدى،