ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

1-پەسىلدە ئېلىمىز خەلق ئاۋىياتسىيەسىنىڭ يولۇچى ۋە يۈك تىرانسپورتىدا تارىختىكى ئوخشاش مەزگىلدىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-04-17 09:21

  خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 1-پەسىلدە خەلق ئاۋىياتسىيەسى تىرانسپورت ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ باشلىنىشى ياخشى بولغان، يولۇچىلار تىرانسپورت مىقدارى ۋە يۈك تىرانسپورت مىقدارىدا تارىختىكى ئوخشاش مەزگىلدىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلغان.

  1-پەسىلدە پۈتۈن ساھەنىڭ تىرانسپورت ئومۇمىي مىقدارى 34 مىليارد 930 مىليون توننا كىلومېتىرغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %45.6 ئاشتى. يولۇچىلار تىرانسپورتى جەھەتتە، پۈتۈن ساھە بويىچە 1-پەسىلدە يولۇچىلار تىرانسپورت مىقدارى 180 مىليون ئادەم قېتىمغا يېتىپ، ئىلگىرىكى يىللارنىڭ 1- پەسلىدىكى يولۇچىلار تىرانسپورت مىقدارىنىڭ ئەڭ يۇقىرى قىممىتىگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %37.7 ئاشتى، يۈك تىرانسپورتى جەھەتتە، پۈتۈن ساھە بويىچە 1-پەسىلدە يۈك ۋە پوچتا يوللانمىسى تىرانسپورت مىقدارى 2 مىليون 7 مىڭ توننىغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %34.4 ئاشتى.

  بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، خەلق ئاۋىياتسىيەسى خەلقئارا ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى تورى ئورۇنلاشتۇرمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلەتتى، ئۈزلۈكسىز زىچلىشىۋاتقان خەلقئارا ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى تورى ۋە تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك مۇلازىمەت چېگرا ھالقىغان خادىملارنىڭ بېرىش -كېلىشىگە تېخىمۇ كۆپ قولايلىق يارىتىپ بەردى. جۇڭگونىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدىن سەئۇدى ئەرەبىستانىغا قەرەللىك بىۋاسىتە ئۇچىدىغان تۇنجى يولۇچىلار تىرانسپورت لىنىيەسى 16-ئاپرېل رەسمىي ئېچىلدى. جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىمالىي جۇڭگو تىجارەت مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى چېن لىڭ مۇنداق دېدى: بېيجىڭدىن رىيادقا بارىدىغان لىنىيەدە ھەر ھەپتىنىڭ سەيشەنبە، شەنبە كۈنلىرى ئىككى قېتىم بىۋاسىتە ئايروپىلان قاتنايدۇ، بازارنىڭ ئەسلىگە كېلىشى، جۈملىدىن مەھسۇلاتلىرىمىزنىڭ موللىشىشىغا ئەگىشىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلىرىمىزمۇ تەدرىجىي كۆپىيىدۇ.

  تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل

  سېلىشتۇرغۇچى: پاتىگۈل مەمەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

1-پەسىلدە ئېلىمىز خەلق ئاۋىياتسىيەسىنىڭ يولۇچى ۋە يۈك تىرانسپورتىدا تارىختىكى ئوخشاش مەزگىلدىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى

بۇ يىل 1-پەسىلدە خەلق ئاۋىياتسىيەسى تىرانسپورت ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ باشلىنىشى ياخشى بولغان، يولۇچىلار تىرانسپورت مىقدارى ۋە يۈك تىرانسپورت مىقدارىدا تارىختىكى ئوخشاش مەزگىلدىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلغان.