ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

مائارىپ مىنىستىرلىقى ئاساسىي پەنلەر يۈرۈشلۈك «101 پىلانى»نى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىشچان سەرخىل ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن ئاساس سالدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-04-20 09:38

  مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى 19-ئاپرېل مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئاساسىي پەنلەر بويىچە بىر قاتار تولۇق كۇرس مائارىپى ئوقۇتۇش ئىسلاھاتىنى سىناق قىلىش خىزمىتى «101 پىلانى»نى داۋاملىق چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئالىي مائارىپتا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان دەرس، دەرسلىك، ئوقۇتقۇچىلار كوللېكتىپى ۋە ئەمەلىي تۈر قۇرۇلۇشىنى مەركەز قىلىپ، سەرخىل يېڭىلىق يارىتىشچان ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەشكە پۇختا ئاساس سالىمىز.

  نۆۋەتتە، كومپيۇتېر «101 پىلانى»دا ئىككى يىللىق سىناق قۇرۇلۇشىدا باسقۇچلۇق نەتىجىلەر قولغا كېلىپ، 12 يادرولۇق دەرس ۋە 31 يادرولۇق دەرسلىك قۇرۇلۇشى تاماملىنىپ، 400 دىن ئارتۇق تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەمەلىيەت سۇپىسى شەكىللەندى،1500دىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچى كوللېكتىپ دەرس تەييارلاش ۋە ئوقۇتۇش تەتقىقات پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، 20 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىغا نەپ يەتكۈزدى.

  مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھازىر ماتېماتىكا، فىزىكا، خىمىيە، ھاياتلىق ئىلمى، ئاساسىي مېدىتسىنا، جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكى، ئىقتىسادشۇناسلىق، پەلسەپە قاتارلىق ساھەلەردىكى ئاساسىي پەن يۈرۈشلۈك «101 پىلانى» ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. ئىقتىسادشۇناسلىق ساھەسىدىكى «101 پىلانى»نىڭ باشلامچىسى، بېيجىڭ داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى لىن يىفۇ مۇنداق دېدى: 10 دەرسلىك 115 بىلىم بۆلىكى، 574 بىلىم نۇقتىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، بۇ يىل يازلىق تەتىلدە رەقەملەشتۈرۈش سۇپىسى قۇرۇش ۋە ئاق تاشلىق كىتاب نەشر قىلىش رەسمىي باشلىنىدۇ.

  تەرجىمان: پاتىگۈل مەمەت

  سېلىشتۇرغۇچى: ئىمىنجان ئىسمايىل

中央广播电视总台 央广网 版权所有

مائارىپ مىنىستىرلىقى ئاساسىي پەنلەر يۈرۈشلۈك «101 پىلانى»نى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىشچان سەرخىل ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن ئاساس سالدى

مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى 19-ئاپرېل مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئاساسىي پەنلەر بويىچە بىر قاتار تولۇق كۇرس مائارىپى ئوقۇتۇش ئىسلاھاتىنى سىناق قىلىش خىزمىتى «101 پىلانى»نى داۋاملىق چوڭقۇر يولغا قويۇپ،